ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

فىرانسىيە: ھەربىي ۋاستە قوللىنىش ئارقىلىق سۈرىيەدە ئىنسانپ

2011-يىلى11-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇپپى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئۆز چېگراسىدا ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى قۇرۇپ، زۆرۈر ئەشيالارنى توشۇشقا ماسلىشىشنى رەت قىلغان ئەھۋالدا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خەلقئارا ھوقۇق بەرگەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ھەربىي ۋاستە قوللىنىش ئارقىلىق ترانسىپورت كالۇنىنىڭ يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يوققا چىقارمايدۇ. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى توشۇش مەسىلىسىدە، جۇپپىي مۇنداق ئىككى خىل تاللاشنى ئوتتۇرغا قويدى، بىرى خەلقئارا جەمئىيەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، سۇرىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى قۇرۇشىغا يول قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش، يەنە بىرى ھەربىي ۋاستە قوللىنىش ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئەشيالىرى ترانسىپورت كالونىنى ئىشقا سېلىشنى ئويلىشىش. لېكىن ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەگەر ئىككىنچى خىل ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا، ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بولغان تەقدىردىمۇ ئالدى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت ھوقۇق بېرىشى كېرەك.      
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!