
(بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى)
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيەنىڭ باش مىنىستىرى پۇتىن 24-نويابىر دۆلەت دۇماسىدىكى بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى دۆلەت دۇماسى سايلىمىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، شۇ ئارقىلىق قانۇن لايىھەسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماقۇللاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. بولمىسا، پارلامېنت مۇھىم ۋاقىتتا زۆرۈر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىيالمايدۇ-دە، رۇسىيە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى سايلىمىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى، كۆپىنچى سايلىغۇچىلارغا بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ لۇشىيەنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرۈشىنى، شۇ ئارقىلىق زۆرۈر ئورۇنغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى كەلگۈسىدىكى خىزمىتىدە چوقۇم مۇنداق ئۈچ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك، يەنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئالدىن پىلانلاش؛ خام-چوت سىياسىتىدە ئېھتىياتچان بولۇش؛ مۇھىم قانۇن لايىھەسى ھەققىدە جەمئىيەتتە كەڭ دائىرىدە مۇنازىرە قوزغاش.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!