ئامېرىكا ESPN تەنتەربىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى ئامېرىكا قېرى بۈركۈت كوماندىسى كوماندىسىدىكى جامال كراۋفورد (Jamal Crawford) بىلەن ئالاقىلىشىۋېتىپتۇ. شىنجاڭ كوماندىسى جامالنىڭ يېقىندا يارىلانغان دۇبىنىڭ ئورنىغا شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن يېڭى پەسىللىك جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
جامال كراۋفورد 2004-يىلى ئاتلانتا ‹‹قېرى بۈركۈت›› كوماندىسى بىلەن قىممىتى 55 مىليون 920 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان 7 يىللىق توختام تۈزگەن بولۇپ، بۇيىل يازدا توختام مۇددىتى توشقان. يېڭى پەسىللىك NBA مائاش كىرزىسى سەۋەبىدىن تېخى باشلانمىدى، قاچان باشلىنىشى تېخى ئېنىق ئەمەس. بۇنداق پەيىتتە جامال كراۋفوردنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى.
جۇڭگو كەسپىي ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئارزۇلاۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن جامال كراۋفورد ئىنتايىن ياخشى بولغان تاللاش ھېساپلىنىدۇ. كوماندىنىڭ چولپان ماھىرى كۇبىنىڭ يارىلىنىشى شىنجاڭ كوماندىسىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ، جامال كراۋفوردنىڭ كىلىشى كۇبىنىڭ ئورنىنى تولۇقلىشىدىنمۇ زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.