كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ
ئۈرۈمچىدە 17-نويابىردىن باشلاپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ ، مەركىزىي شەھەر قىش پەسلىگە قەدەم قويىدۇ
15-نويابىر چۈشتىن بۇرۇندىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ ، سائەت 17:00 گىچە ، شەھەر رايونىدا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 5.6 مىللىمېتىرغا ، يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىرغا يەتتى . قارنىڭ تەسىرىدە تېمېپراتۇرا تەدرىجى تۆۋەنلەپ ، ئەڭ تۆۋەن تېمېپراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ ، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ سوغۇق بىر كۈن بولدى .
15-نويابىر سائەت 15:00 دە، شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يولدىكى مۇزلاردىن مۇداپىئە كۆرۈش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىپ ، شوپۇر دوستلارنى ئېھتىيات بىلەن يول يۈرۈشكە ئاگاھلاندۇردى .
بۈگۈن ئەتىگەن تارتىلغان سۈرەت
ئىگىلىنىشىچە، 16-نويابىر(بۈگۈن) كۈندۈزى يەنە سۇس قار ياغىدىغان بولۇپ ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃4 قا چۈشىدىكەن . 17-نويابىر، ھاۋا ئوچۇق بولىدىكەن . تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى بۇ ھەپتە قىش پەسلىگە قەدەم قويىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە ، 16-نويابىر كەچقۇرۇندىن 17-نويابىرغىچە يول يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن بولۇپ ، يول يۈزى مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ ، تاشيول قاتنىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن . شۇڭا شپوپۇرلار يول ماڭغاندا ئېھتىيات بىلەن ئاستا يول يۈرۈشى ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەككەن .
شىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ كىلمات ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، ئۇدا بەش كۈن ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بولسا، ئاندىن رەسمىي قىش كىرگەن ھېسابلىنىدىكەن . ئالدىنقى يىللاردىكى مېتېئورولوگىيە ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ، ئۈرۈمچى 11-نويابىردىن باشلاپ قىش پەسلىگە قەدەم قويىدىكەن ، بىراق بۇ يىل ئۈرۈمچى كېچىكىپ قىش پەسلىگە قەدەم قويغان.
ناچار ھاۋارايى ھاۋا قاتنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى
سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى . 15-نويابىر ئۈرۈمچىدىمۇ قار يېغىپ ، قاتناش ۋە كىشلەر تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزدى . قېلىن قار سەۋەبلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ كۆرۈش ئارىلىقى 300 مېتىرغا يەتمىگەنلىكتىن ، قىسمەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى ۋە كەلگەن ئايروپىلانلار زاپاس ئايرودرومغا قوندۇرۇلدى . ناچار ھاۋا رايى سەۋەبلىك ، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شاڭخەي ، چىڭداۋ ، خاڭجۇ، ئۇش قاتارلىق جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار تۇرپان، قەشقەر، دۇنخۋاڭ قاتارلىق جايلاردا قوندى.
ئالتايدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى
مۇخبىرنىڭ ئالتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 14-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە، ئالتايدا ئومۇميۈزلۈك قار ياغقان بولۇپ ، شىمالدىكى رايونلاردا ئوتتۇراھال ، تاغلىق رايونلاردا قېلىن قار ياغقان، تېمپېراتۇرا ℃8 ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن.
كەلگۈسى ئۈچ كۈندە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ
شىمالدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 15-نويابىر ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە ، بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتېغىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ، قومۇل ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئازراق يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ ، كېيىن قارغا ئۆزگىرىدىكەن ، ئىلى دەريا ۋادىسى ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى ، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى قىسمەن رايونلاردا ۋە چۆچەك، ئالتاي، قومۇلنىڭ شىمالىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃6 دىن ℃9 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇمەت بېرىشىچە ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىش سەۋەبىدىن ، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ، ئېلىمىنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا ، شەرقىي قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى رايونلار، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي شىمال قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمېپراتۇرا تېمپېراتۇرا ℃10 دىن ℃12 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.