9–نويابىر، باڭكوكتىكى يەرلىك ئاھالىلەر كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ سۇدا ئىلگىرىلىمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى: تايلاند پايتەختى باڭكوكتىكى كەلكۈن ۋەزىيىتى يېقىنقى مەزگىللەردە يەنىلا جىددىي بولدى، كەلكۈن سۈيى بارغانسېرى شەھەر مەركىزىگە قاراپ قىستاپ كەلدى، نۇرغۇنلىغان سودا رايونلىرى ۋە ئاھالىلەر رايونلىرى ئارقا–ئارقىدىن ‹‹سۇغا غەرق بولدى››. ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش نازارىتىنىڭ 8–نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 24 ۋىلايەت يەنىلا كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋېتىپتۇ، 2 مىليون 900 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپتۇ.
تايلاند زۇڭلىسى يىڭلۇك شىناۋاترانىڭ 8–نويابىر دېيىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى كەلكۈن ئاپىتى بۇرۇنقىدەكلا ئېغىر بولغانلىقتىن، ئۇ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) رەھبەرلىرىنىڭ 19–قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى كىتتىرات نارانوڭنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ئەۋەتكەن. يىڭلۇك شىناۋاترا: ‹‹ھازىر پۈتۈن تايلاندلىقلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى كەلكۈن كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك›› دېگەن.
ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش نازارىتىنىڭ 9–نويابىردىكى ئاخباراتىدىن قارىغاندا، ئۈچ ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدە 529 ئادەم قازا قىلغان، ئىككى ئادەم يوقاپ كەتكەن.
9–نويابىر، باڭكوكتىكى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان بىر ئايرودۇرۇمنىڭ خىزمەتچى خادىمى سۇدا قېيىق ھەيدىمەكتە
9–نويابىر، باڭكوكتىكى بىر ئايال سۇلياۋ ۋاننىدا بالىلىرىنى يۆتكىمەكتە
9–نويابىر، باڭكوكتىكى يەرلىك ئاھالىلەر سۇدا ۋېلىسپىت ھەيدىمەكتە
9–نويابىر، تايلاند دون مۇئاڭ ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدىكى يول كۆرسەتكۈچ سۇغا چۆكۈپ قالدى
8–نويابىر، باڭكوكتىكى كەلكۈندە يول يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىللار
8–نويابىر، باڭكوكتىكى كىشىلەر كەلكۈن باسقان بازاردا مال سېتىۋالماقتا
8–نويابىر، باڭكوكتىكى كەلكۈن باسقان يولدا كېتىۋاتقان يىگىت
7–نويابىر، تايلاند زۇڭلىسى يىڭلۇك شىناۋاترا باڭكوك ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئامما بىلەن قول ئېلىشتى