ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كازافىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئۆزىنى مەلۇم قىلماقچى

2011-يىلى11-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە ، كازافىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سەئىف خەلقئارالىق سوت بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىش مەسىلىسىدىكى قانۇنىي ئىشلار ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋېتىپتۇ.

    2-نويابىر، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىشى ئوكامپو ب د ت خەۋىپسىزلىك يىغىنىغا قاتناشقاندا ، ئۆزلىرىنىڭ «سەئىف ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنغان جايىدىن ئەۋەتكەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى سۈرۈشتۈرگەن ھۆججەت » نى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتقان . ھۆججەتتە سەئىف: خەلقئارا سوتقا ئۆزىنى مەلۇم قىلسا قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقى ، لىۋىيەگە قايتۇرۇلىدىغان ياكى قايتۇرۇلمايدىغانلىقى ، ئەگەر ئۆزىگە جىنايەت بېكىتىلسە ياكى گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنسا قانداق بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى سورىغان . جىنايى ئىشلار سوتى باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەگەر سەئىفنىڭ راستىنلا ئۆزىنى مەلۇم قىلىغۇسى بولسا ئۆتكۈزىۋېلىش تەرتىپى ئۇ تۇرىۋاتقان دۆلەتكە قاراپ بېكىتىلىدىكەن.

    تەپتىش ئىشخانىسى بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق قىلىپ : سەئىف جىنايىتى بېكىتىلگەندىن كېيىن ياكى گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن سوتچىدىن ئۆزىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان ھەرقانداق دۆلەتكە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، دەپ جاۋاپ قايتۇرغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!