ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

كازافىنىڭ جەسىتى بۈگۈن مەخپىي يەرلىككە قويۇلىدىكەن

2011-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

  كازافىنىڭ ئۆلۈمى مۇبارەككە ئېغىر كەلدى

كازافى ئۆلدى (ماتېرىيال سۈرەت)

   جۇڭگو ئاخبارات تورى 25-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا، لىۋىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر 24-ئۆكتەبىر كازافىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن . جەسەت تەكشۈرۈشكە قاتناشقان بىر دوختۇر 23-ئۆكتەبىر مۇنداق دېگەن : كازافى ئوق تېگىپ ئۆلگەن ، كازافىنىڭ ئېتىشىشتا قازا قىلغانلىقى ياكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب چىقىپ بولدى ، بۇنى پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەستىقلىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىشقا بولىدۇ .

   ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، لىۋىيە ‹‹ ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› نىڭ بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كازافى جەسىتىنىڭ بۈگۈن (25-ئۆكتەبىر) مەخپىي يەرلىككە قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان .

   مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، لىۋىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەرنىڭ بىر ئەمەلدارى : كازافى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇتاشىمنىڭ جەسىتى بۈگۈن (25-ئۆكتەبىر) يەرلىككە قويۇلىدۇ ، بىراق كونكېرت ئورۇن ئېنىق ئەمەس ، يەرلىككە قويۇلغان يەرگەن قەبرە تېشى قاتارلىق ھېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ ، دىنىي زاتلار يەرلىككە قويۇشقا قاتنىشىدۇ ، دېگەن .

   ئۆتكۈنچى كومىتېت كازافىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى تەكشۈرۈشكە ۋەدە بەردى

   لىۋىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەرنىڭ رەھبىرى مۇستافا ئابدۇللا جېلىل شۇ جاي ۋاقتى 24-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ساداسىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ، كازافىنىڭ ئ‍ۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بىر كومىتېت قۇرۇپ ، كازافىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرىمىز ›› .

   كازافىنىڭ ئايالى ۋە 3-ئوغلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن كازافىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان .

   كازافى 20-ئۆكتەبىر قولغا ئېلىنىپ قازا قىلغاندىن كېيىن ، كازافىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ھەرخىل گەپ– سۆزلەر بولۇپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان . ئامېرىكا، ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر لىۋىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەردىن ‹‹ ئادىل ھەم ئاشكارە شەكىل›› دە ، كازافىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ۋە ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان .

    كازافىنىڭ ئۆلۈمى مۇبارەككە ئېغىر كەلدى

كازافى سۈرتقا زىيارەتكە كەلگەن مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنى كۈتۈۋالدى(ماتېرىيال سۈرەت)

   مىسىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، نەزەربەنت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك لىۋىيە رەھبىرى كازافىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەندىن كېيىن، تۇيۇقسىز ئەسەبىيلەرچە قاتتىق يىغلاپ ، ھوشىدىن كەتكەن .

   مۇبارەكنىڭ سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى بولمىغاچقا، دوختۇرخانىغا نەزەربەنت قىلىنغان . مۇبارەك دوختۇرخانىدا كازافىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى تېلېۋىزوردىن كۆرگەندىن كېيىن ، قاتتىق ئازابلىنىپ ، ئەسەبىيلەرچە يىغلاپ ، ھوشىدىن كەتكەن . دوختۇرخانىدىكى بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ، مۇبارەك ھوشىدىن كەتكەندىن كېيىن ، دوختۇر ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇنىڭغا تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرغان .

   مىسىردىكى تەھلىلچىلەر: مۇبارەك كازافىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ، يىغلاپ ھوشىدىن كېتىشىدىكى سەۋەب ، ئۇنىڭ بەك قورقۇپ كەتكەنلىكىدە ، ئۇ ئۆزىنىڭ كازافىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇ ئىككى سىياسىي ئەربابنىڭ ئەرەب دۆلىتىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقتى ئۇزۇن ، كازافى 42 يىل ، مۇبارەك 30 يىل ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى ، دېيىشتى.

   ئىسرائىلىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە ، كازافى ئۆلگەندىن كېيىن ، مۇبارەكنىڭ روھىي ھالىتى ئىنتايىن خارابلاشقان ، قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن ، مۇبارەكنىڭ مېڭىسى ئىقتىدارىنى يوقاتقان . خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، مۇبارەك داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدىكى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، مۇبارەكنىڭ مېڭىسى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ ، دوختۇر ھەر خىل ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ ، ئۈنۈمى بولمىغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!