باش ئەتىيازدا تېمپېراتۇرا تۆۋەن ، ھاۋا ئۆزگىرىشچان بولغاچقا ، كۆپ ساندىكى غازنىڭ تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ، ھەتتا تۇغۇشتىن توختاپ قالىدۇ. غازنى داۋاملىق تۇخۇم تۇغدۇرۇش ئۈچۈن ، چوقۇم بېقىش شارائىتىنى ياخشىلاپ ، كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇش كېرەك.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
1 . ئىسسىق ساقلاش ، يورۇتۇش. بۇ غازنى باش ئەتىيازدا كۆپ تۇخۇم تۇغدۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا. باش ئەتىيازدا غازخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 8 گرادۇس - 10 گرادۇسقىچە ساقلاپ ، ھەر سوتكىدا 15 - 16 سائەت يورۇتسا بولىدۇ. يەمنى مۇۋاپىق بېرىش كېرەك. تۇخۇم غېزىنىڭ كۈندىلىك يەم رېتسېپى : كۆممىقوناق %60 ، شال قاسىرىقى ياكى كېپەك %20 ، كۈنجۈرە %18 ، ئۆستۈرگۈچى گورمون ۋە تۇخۇم شاكىلى پاراشوكى %2 . ھەر بىر غازغا كۈندە 150 گرام - 200 گرام تەڭشەلگەن يەمنى 3 قېتىمغا بۆلۈپ بېرىش كېرەك ، بىر قېتىملىقىنى كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا ، يەنى چىراغ ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن بەرسە ، تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
2 . مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلدۇرۇش كېرەك. باش ئەتىيازدا ئۇرغاچى غاز ئاساسلىقى غازخانىدا بېقىلىدىغان بولغاچقا ، ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولىدۇ. شۇڭا دائىم غازخانىدا ئاستا قوغلاپ ھەرىكەت قىلدۇرۇش كېرەك. ئەتىيازدا ئۇرغاچى غازنىڭ سۇغا چۈشۈش قېتىم سانى ئاز بولۇشى كېرەك. شۇڭا سۇغا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ ، ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 9 غىچە ، چۈشتىن كېيىن 2 دىن 3 كېچە ياكى گۇگۇم چۈشكىچە بىر قېتىم يۇيۇندۇرسا بولىدۇ.
3. تازىلىقىنى ياخشىلاش لازىم. غازخانىنى دائىم تازىلاپ ، ئۆت - چۆپ سېلىنچىنى پات - پات ئالماشتۇرۇپ ، ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇش كېرەك. يەم ئوقۇرىنى ھەپتىدە بىر قېتىم سودا سۈيىدە چوتكىلاپ يۇيۇش كېرەك. غاز بېقىش مەيدانىنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاپ ، ھاشارات ، چاشقان يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. غاز مەيدانىغا كىرىپ - چىقىدىغان ئادەم ۋە ماشىنىلارنى پاكلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ، كىرىش - چىقىش ئېغىزىغا پاكلاش كۆلچىكى ياساش كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن