(شىئىر)
ئۆزگىدىن كەلمەسكەن قىلچىلىك ۋاپا،
ھەي ئېسىت !دوسلىرىم سالدى كۆپ جاپا .
بولساممۇ گەر ئۆزۈم ئالدانغان بالا ،
ۋىجدانغا يۈز كىلىپ كۈلۈپ ياشايمەن .
ئۆتتىغۇ بېشىمدىن نۇرغۇنلىغان ئىش ،
ئۆزۈم ھەم بىلمەيمەن كىلەر قانچە قىش .
بولسىمۇ مىنىڭدە ھېرىش - چىڭقىلىش ،
مەن چىداپ ئۆتىمەن كۈلۈپ ياشايمەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئالدىمدا تۇرسىمۇ مۈشكۈل تاغ - داۋان ،
ئىشلىرىم يۈرۈشمەي ، بولمىسا راۋان .
ئۆزگىلەر ئالدىدا يىگانە كارۋان ،
بولغاچقا ئىرادەم كۈلۈپ ياشايمەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تەقدىرىم قىلسىمۇ گەر ماڭا چاقچاق ،
ئايىماي سالسىمۇ بەزى بىر شاپىلاق .
شۇندىمۇ تۇتىمەن كۆڭلۈمنى ئاپئاق ،
روھىمنى بۇلغىماي كۈلۈپ ياشايمەن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن