بولساڭمۇ ئەگەردە بىر ئاددى پۇخرا،
ئارزۇيۇڭ بېغىدا بولسۇن كۆپ تويلار.
قۇيۇپ بەرمە روھىڭنى خارابىلققا،
گۈلىستان باغدىكى ئەتەڭنى ئويلا.
باسسىمۇ ھاياتتا سېنى مۈشكۈللۈك،
ئەيلىمە روھىڭدا ھەرگىز چۈشكۈنلۈك.
ئۈمۈدىڭ شۇ قەدەر يايسۇنكى قانات،
بولساگەر خوشاللىق سەندە بىر كۈنلۇك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دېمىگىن ئۆزگىدىن نەرىم كەم مېنىڭ،
ئاچچىق بىر ئازاپتىن قىينالدى جېنىم.
ئارزۇيۇم ۋەلېكىن شۇنچىلىك تاتلىق،
قاقشالدۇر ھەتتاكى گۈلزارلىق بېغىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەنمۇ ئەر قايغۇرما ھەسرەتلەر چېكىپ،
شاتلىقمۇ كېلىدۇ غەشلىكلەر كېتىپ.
ئىرادەڭ بولسۇنكى گۈزەل ئەتىگە،
يۈرمىگىن ۋەيرانە ھەسرەتلىك تىنىپ.
چىدىساڭ ئازاپنى يېڭىسەن ھامان،
باقىدۇ ساڭىمۇ كۈلۈپ بۇ جاھان.
زىمىستان قىش كەتسە باھار كېلىدۇ،
بۇلبۇللار سايرايدۇ بېغىڭدا خەندان.