ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

كازافى ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن ئاپتوموبىل بىلەن قېچىپتۇ

2011-يىلى09-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     ساركوزى كازافىغا سوۋغا قىلغان ( ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇنقى) ‹‹mercedes-benz›› ماركىلىق ئاپتوموبىل     ساركوزى بىلەن كازافى ‹‹ ئۆتمۈشتىكى يېقىن دوستلار ››

   لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت قوراللىق خادىملىرى كازافىنىڭ قالدۇق قىسمى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىۋاتقاندا ، 19–سېنتەبىر فىرانسىيەدىن كەلگەن بىر خەۋەر كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى . خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، لىۋىيەنىڭ قېچىپ يۈرگەن رەھبىرى كازافى ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن ‹‹ مېرسىدىس ›› ( mercedes-benz ) ماركىلىق ئوق ئۆتمەس ئاپتوموبىل بىلەن قېچىپ يۈرگەن . كاتتا بېزەلگەن بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى 3 مىليون 500 مىڭ فۇنت ستېرلىڭ بولۇپ ، بۇ ئاپتوموبىلنى بۇ قېتىمقى لىۋىيە ھەرىكىتىدە ئىپادىسى ‹‹ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ›› بولغان فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى تەمىنلىگەن .

   فىرانسىيە ئاخبارات تەكشۈرۈش تور بېكىتى تاپقان ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە ، ئاپتوموبىل ‹‹ مېرسىدىس ›› ماركىلىق پىكاپتىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان بولۇپ ، بۇ ئاپتوموبىلدا كازافىنىڭ قىسىم بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئىلغار خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى بولۇپلا قالماي ، ئىز قوغلاش سىستېمىسىغا قارشى ئۈسكۈنىمۇ سەپلەنگەن ئىكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، ئاپتوموبىل ئىچىدە يەنە ئەتراپتىكى ھەر قانداق ئېلېكتىر مەيدانىنىڭ كاشىلىسىنى توسۇيالايدىغان ئالاھىدە ياسالغان مۇداپىئەلىنىش قەپىزى ۋە 300 فۇت ( تەخمىنەن 91 مېتىرغا تەڭ ) دائىرىدىكى بارلىق سىمسىز تېلېگراف سىگنالىنى توسۇيالايدىغان ئېلېكتىرونلۇق قۇرۇلما بار ئىكەن . بۇ ، نۇرغۇن قېتىم سىناق قىلىنغان ئورۇن بېكىتىپ بومباردىمان قىلىشنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

   بۇ تور بېكەتنىڭ يەنە ئاشكارلىشىچە ، بۇ ئاپتوموبىل فىرانسىيە ‹‹ Amesys تېخنىكا شىركىتى ›› دە ياسالغان بولۇپ ، 2007–يىلى ئىچكى كابىنېت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ساركوزى بۇ سودىنى تەستىقلىغان . 2008–يىلى يەنى ساركوزى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئاپتوموبىل لىۋىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن .

    ئۇنىڭدىن باشقا پارىژدىن كەلگەن بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، كازافى موشۇ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قاچقانىكەن . بۇ ئاپتوموبىل ، فىرانسىيەنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئەڭ ئىلغار مەھسۇلات ، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى قېچىش ۋاستىسى ئىكەن . كازافى ئۇنىڭغا ئولتۇرغاندا ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدىن يىراقلاپ كېتەلەيدىكەن ، يەر يۈزىدە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىنالايدىكەن . 

    خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە ، يوقىرىدا ئېيتىلغان خەۋەرلەر ساركوزىغا نىسبەتەن بىر سەتچىلىك ، نۆۋەتتە ، ئۇ لىۋىيە خەلقىنىڭ نىجاتكارى بولغان بولسا ، ئەمەلىيەتتە كازافىنىڭمۇ ‹‹ قوغدىغۇچى ›› سى بولۇپ قالغان .  

     يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ لىۋىيە بىلەن دوست بولغان ۋاقىتتىكى ‹‹ھېكايە››لىرى كەينى–كەينىدىن ئاشكارلىنىپ ، نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى . 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!