رەستىدىكى بىنانىڭ بالكونىدا بويىغا يەتكەن بىر قىز تۇراتتى. قىز ئاجايىپ گۈزەل بولغاچقا، يولدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەر ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزغا قارايتتى. بىر مۆتىۋەر بۇ جايدىن ئۆتۈپ قالدى. قىزنىڭ ھۆسن – جامالى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى.
— سىز راستىنلا مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز، بالكون ئاستىدا مېنى 100 كۈن كۈتۈڭ، شۇ چاغدا سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن، – دېدى قىز ھاكاۋۇرلۇق بىلەن.
مۆتىۋەر لام – جىم دېمەستىن، بالكون ئاستىدا ئولتۇردى.
كۈنلەر ئارقا – ئارقىدىن ئۆتۈپ، 99 – كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى. پەقەت بىر كۈنلۈكلا مۆھلەت قالغاندا، قىز ئاستا دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ پەردىنى قايرىپ، مىدىر – سىدىر قىلماي ئولتۇرغان مۆتىۋەرگە ئوغرىلىقچە قارىدى. قارىدىيۇ تۆۋەندىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ھېلىقى ‹‹سادىق مۆتىۋەر›› ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئورۇندۇقىنى قولتۇقىغا قىستۇرغانچە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كېتىپ باراتتى. قىز شۇ زامات ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
99 كۈن ئاز ئەمەس، مۆتىۋەردە كەم بولغىنى سەۋر – تاقەت ئەمەس، ئۇ پەقەت قىزغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئۆز لايىقىدا ئىپادىلىدى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ئۆز لايىقىدا ساقلاپ قالغان ئىدى.( تاھىرجان ئاتاۋۇللا تەرجىمىسى)
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە؛ تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!