قۇرۇلۇش غەليان كۆتۈردى يەنە، بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
كاۋاپ بولۇپ پاراس - پۇرۇس
پۇچۇلانماقتا قاتاڭغۇر كېچە.
ئۆزۈمنى قوشۇپ ئۇنتۇلماق بولدۇمدە،
ئەتتىم قۇلىقىمنى ئەپسانىلەردە.
شاۋقۇن - سۈرەن دېگەن ئەسلىدە
تۆمۈرچى بوۋاينىڭ ناخشىسى ئىمىش.
جاڭ - جاڭ - جاڭ،
گۈر - گۈر - گۈر...
تاڭ ئاتقىچە
شاماللارنى تاقىلارمىش.
بۇلۇتلار ئەتە
يىراق سەپەرگە ئاتلىنارمىش.
تۈن كېچە ئەسلىدە قارغۇجا ئىمىش،
ئۇچارمىش، ئۇچارمىش،
قونغىلى ھېچ جاي تاپالماسمىش.
ھارغىنلىق ئاغزىدىن تامغۇزغاندا قان،
قان كۈن بولۇپ بالقىپ چىقارمىش،
ئۇيقۇسىزلىق يېتىم بالىمىش،
بورانلارچە ئۈنلەپ
ۋاي دادا،
ۋاي ئاپا دەپ يىغلاپ چىقارمىش.
بىدار تۈنلەردىن قىزىل گۈل ئۈنسە،
مۇز دەۋرىگە قايتماقچى بولۇپ،
دۇنيا قايتا تۇغۇلارمىش.
خىيال دېگەن قومۇش نەي ئىمىش،
قۇملۇقلارنى باشلاپ ماڭارمىش.
قۇيۇنتازلار توي قىلىمەن دەپ
باغاق تارقاتقىلى
بارخانمۇ بارخان بارارمىش.
سۆكسۆك قىز بولسا
توغراق يىگىتنى كېلەرمىكىن دەپ
چاچلىرىنى تارارمىش.
نىگاھ ئۇچۇۋاتقان شولا ئىمىش،
ئۇچۇپ - ئۇچۇپ
پىيەنچۈك قىشنى ئىزدەپ تاپارمىش،
ئاپئاق مېڭىسىگە رەسىم سىزارمىش.
مېڭىسى ئاقلار كېيىن
ئەڭ ئىلغار ماشىنا ئادەمگە ئايلىنارمىش.
مۈشۈكلەر كېچىسى جىنكەش بولارمىش،
جەسەتلەرگە تۇغ قادارمىش،
خەنجەر سوقارمىش،
باشلىرىنى تامغا ئۇرارمىش.
قاچقۇن چۈشلەرگە ئەپسۇن ئوقارمىش، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جەسەتلەر
ئۇيقا ئوغۇرلىغىلىغى چىقارمىش.
.......
قۇرۇلۇش غەليان كۆتۈردى يەنە،
كېچە كۆيمەكتە، كۆيمەكتە.
شېئىر يېزىپ چىقتىم تاڭغىچە،
شاۋقۇن - سۈرەنلەرگە
ئارام بەرمەسلىك قەستىدە.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە؛ "پەرھات ئىلياس" شېئىرلىرىدىن تاللانما.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور