بۇ دۇنيادا بارئىكەن نەچچەخىل بالا،
تاش سىياقى ئادەمدەك نىيىتى قارا،
ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى قىلىدۇ يارا،
ئۇلار قىلغاننى قىلماس ھەتتا ئات-كالا،
نىمىش قىمۇ تۇغۇلغاندۇ ئاشۇنداق بالا.
www.iz.la
ئاتا-ئانىسى گەپ قىلسا قاپاقنى تۈرەر،
بۇ يەردە چاقىرۋاتسا ئۇ يەردە يۈرەر،
خىجىل بولماي ئاتا-ئانىسىغا تىل دەشنەم بېرەر،
ھاي دىسە تۈپۈك چېچىپ مۇشتىنى تۈرەر،
پەيدا بولدى بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بالا. ئىز تورى www.iz.la
بەزىلەر يۈرۈيدۇ ھايۋان سىياقتا،
كۈن بويى ھاراق-مەي ئىچىپ قاۋاقتا،
قۇسۇپ ھەم ياتىدۇ سېسىق يالاقتا،
بىلمەيدۇ تۇرالغۇ ئۆيى قاياقتا،
ئۆسۈپ چىقتى مۇشۇنداق ھاياسىز بالا.
www.iz.la
بەزىلەر پۇل تاپسا ئوينايدۇ قىمار،
ۋە ياكى نەشىگە بولىدۇ خۇمار،
ھارام ئىشقا خەجلىسە يىنىدىن چىقار،
دادىسى پۇل دىسە بەرمەيدۇ زىنھار،
بار ئىكەن جاھاندا شۇنداقمۇ بالا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بەزىلەر كۆيىدۇ ئۆزنىڭ بالىسىغا،
كۆيمەيدۇ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىغا،
ئوخشايدۇ قىلمىشى ھايۋان بالىسىغا،
تۇققاندۇ ئۇلارنى ئانا نىمىشقا،
كۆپ ھازىر مۇشۇنداق ۋاپاسىز بالا. www.iz.la
بەزىلەرگە سۆزلىسە ئاتا ۋە ئانا،
پۇشۇلدايدۇ زۇۋان سۈرمەي بەئەينى كالا،
باردۇر ھازىر بۇ جەميەتتە مۇشۇنداق بالا،
ئۇنداق خەق بالا بېقىپ نىمىمۇ قىلار،
ئۆتنە ئالەم ئۆتنىسىنى بالىسىدىن ئالا.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ۋە بەزىلەر ئۇلۇغ دەيدۇ ئانا ۋە دادا،
ئۆلۈپ كەتسە دۇئا تەگبىر قىلمايدۇ ئادا،
قەبرە بېشىدا ئەئۇزىدىن چىقمايدۇ سادا،
يا ئۇلارنى تاپقانمىدۇ ھايۋان بىر كالا،
پەيدا بولدى مانا شۇنداق بىۋاپا بالا. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يوق دەيدۇ ئاتا-ئانىدىن ئۇلۇغ چوڭ مازار،
ئەمما ئۇلار ۋاپات بولسا ئوينايدۇ بازار،
يوقلىمايدۇ قەبرىسىنى تۇتمايدۇ ھازا،
كەلمەيدىغاندەك ئۆزىگە بۇ كۈن-بۇ قازا،
بار ئىكەن مانا شۇنداق ئەقىلسىز بالا. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دەيدۇ تېخى قەدىردانىم ئانا ۋە دادا،
لېكىن ئۇلار ھەققىنى قىلمايدۇ ئادا،
نەسھەت قىلسا ھالىغا بويلىماس خادا،
ئىنساپ بەرگىن ئۇلارغا ياراتقان خۇدا،
ھىدايەت تېپىپ ئوڭشالسۇن شۇ ئازغۇن بالا. ئىز تورى www.iz.la
مانا بۇلار ئاتا-ئانىنىڭ ھەسرەتلىك سۆزى،
بىزدىن زارلاپ ياشقا تولدى ئۇلارنىڭ كۆزى،
كۈيۈنمىدۇق بولۇپ تۇرۇپ بىز ئوغۇل-قىزى،
يازدىم شۇڭا قىزارسۇن دەپ ئۇلارنىڭ يۈزى،
ئويلاپ قويۇڭ بۇ ئىشلارنى چوڭ-كىچىك بالا.