ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

مارالبېشىدىكى ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى

2011-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە: يوللىغۇچى: رىزۋانگۈل
ساياھەتچىلەر ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا. ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى يېمەكئىچمەك ، ساياھەت ، كۆل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ، بېلىق تۇتۇش ، بېلىق، پاقلان كاۋىپىنى تېتىپ كۆرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ ، ناھىيە بازىرىنىڭ
  

 

ساياھەتچىلەر ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.

    ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى — يېمەك–ئىچمەك ، ساياھەت ، كۆل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ، بېلىق تۇتۇش ، بېلىق، پاقلان كاۋىپىنى تېتىپ كۆرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە توققۇز كىلومېتىر كېلىدۇ .

  مەنزىرىسى گۈزەل ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ قاچىلاش مىقدارى 72 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ ، كۆلىمى 34.265 كىۋادرات كىلومېتىرغا، توسمىسىنىڭ ئوزۇنلىقى 19 كىلومېتىرغا يېتىدۇ . بۇ باغچىدا 2010–يىلىنىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ ، 13 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 0.85 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن . بۇ ساياھەت ئورنىغا سېلىنغان سۇ يۈزىدە دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقان ياغاچ پاراخۇت شەكىلدىكى كۈتۈۋېلىش مەركىزى بىرلا ۋاقىتتا 1000 دىن ئارتۇق مېھماننى كۈتۈۋالالايدۇ . بۇ كۈتۈۋېلىش مەركىزىگە كىرگەندە ، پاراخوتقا ئولتۇرغاندەك ھېسسىياتقا كەلگەندىن باشقا، ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئەتراپتىكى گۈزەل يايلاقلارنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ.

  ئاناركۆل سۇ ئامبىرىدىن ھەر خىل بېلىقلار، قىسقۇچ پاقا قاتارلىق قىممەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدۇ . كۆلنىڭ ئەتراپى ياپيېشىل دەل–دەرەخلەر بىلەن قورشالغان بولۇپ، تەبىئىي شەكىللەنگەن قومۇشلۇقلار كۆل يۈزىدە ناھايىتى گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان ، كۆلدە يەنە ياۋا ئۆردەك ، ياۋا غاز، تۇرنا، بېلىقچى قاتارلىق سۇ قۇشلىرى كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ . ھەر كۈنى كەچ كىرگەندە نۇرغۇنلىغان بېلىق تۇتقۇچىلار بۇ ‹‹كىچىك ئارال››غا كېلىپ ، بېلىق تۇتىدۇ ، تۇتقان بېلىقىنى يۇلغۇندىن زىخ ياساپ ، نەق مەيداندا پىشۇرۇپ يەپ، گۈزەل تەبىئەتنىڭ نېمەتلىرىدىن قانغۇچە بەھرىمان بولىدۇ . ئاناركۆلنىڭ بېلىق كاۋىپى مەملىكەتكە داڭلىق ، بۇ يەردە دائىم پىشۇرۇلۇپ تۇرىدىغان پاقلان كاۋىپى ، ياۋا توشقان كاۋاپلىرىنىڭ تەمىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، يىراق-يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

  ساياھەت رايونىنىڭ كۆلىمى 200 مو ئەتراپتا پىلانلانغان بولۇپ ، ئەمەلىي كۆلىمى 160 مو كېلىدىغان ، 11 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىق پاراخۇت ئۇل قۇرۇلۇشى پۈتتى ، 2-قارارلىق زىننەتلەشمۇ 5-ئايدا تاماملاندى . كېيىنكى باسقۇچتا يەنە 4 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، يول يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش يۈرۈشلەشكەن تۈر قۇرۇلۇشىمۇ جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا . مەنزىرە رايونىدا يەنە سۇ ئۈستى ۋالىبول مەيدانى ، سۇ ئۈستىدە قىياغا چىقىش ئورنى ، سۇ ئۈستىدە ياغاچ تەڭشەك ئويناش ، سۇ ئۈستىدە تىرامپولىن ، سۇ ئۈستىدە ئۇچۇش ، سۇ ئۈستىدە تېيىلىش شۇتىسى، سۇ ئۈستىدە موتۇرلۇق قېيىق بىلەن تاماشا قىلىش قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە موتۇرلۇق قېيىق كەلتۈرۈلۈپ بولدى.

  بۇ ساياھەت ئورنىدا بىرلا قېتىمدا 500 ساياھەتچى تاماشا قىلالايدۇ ، بىرلا ۋاقىتتا 100 ئادەم بىمالال غىزالىنالايدۇ . بۇ ئورۇن بۇ يىل 8-ئايدا ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ.

                                                                                                مەنبە؛ "خەلق تورى"

 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!