
ئاز ئۇچرايدىغان ‹‹بۆرە ئادەم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى›› گە گىرىپتار بولغان تايلاندلىق 11 ياشلىق قىز سۇپاترا ساسۇفاننىڭ يۈز، قۇلاق، بىلەك، پۇت ۋە دۈمبىلىرىنى قويۇق قارا تۈك بېسىپ كەتكەن بولۇپ، قارىماققا رىۋايەتلەردىكى قورقۇنچلۇق ‹‹بۆرە ئادەم›› گە ئوخشايدۇ. ئۇ بەدىنىنىڭ تۈك بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گەرچە تېنى بەك تۈكلۈك بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىنتايىن شوخ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، دائىم خۇشال يۈرىدىغان قىز. سۇپاترانىڭ مەكتەپتە ‹‹بۆرە بالا›› ۋە ‹‹مايمۇن يۈز›› دەپ ئىككى لەقىمى بار. گەرچە كىچىكىدىنلا كەمسىتىلىش ۋە مازاق قىلىشلارغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا شۇنداق شاد–خۇرام چوڭ بولغان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ مېنى ‹بۆرە بالا› دەپ چاقىرىشىغا پىسەنت قىلمايمەن››.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىرىش سۇپاترانى مەكتەپتىكى داڭلىق شەخسكە ئايلاندۇردى، ‹‹مەن جىننېس رېكورتىنى بۇزالىغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال! ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر مېنى زاڭلىق قىلىپ، ‹‹مايمۇن يۈز›› دەپ چاقىراتتى، بىراق ھازىر بۇنداق چاقىرمايدىغان بولدى. مەن بەدىنىمدىكى تۈكلەرگە كۆنۈپمۇ قالدىم، بەزىدە ئۆزۈمنىڭ تۈكلۈك ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپمۇ قالىمەن، بىراق تۈك بەك ئۇزىراپ كەتسە كۆرۈش قۇۋۋىتىمگە تەسىرى بولىدۇ، شۇڭا يەنىلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە داۋالىنىپ ساقىيىشنى ئۈمىد قىلىمەن›› دەيدۇ ئۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1 مىليارد ئادەمدىن ئاران بىرى ‹‹بۆرە ئادەم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى›› گە گىرىپتار بولىدىكەن. مېدىتسىنا خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1648–يىلى تۇنجى ‹‹بۆرە ئادەم›› بايقالغاندىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادا ئاران 50 ئادەمگە بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق دىياگنوزى قويۇلغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!