نېپالدىكى ‹‹جەسەت كۆيدۈرۈش بۇتخانىسى››
ھىندى دىنى مۇخلىسلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۆلۈم پەقەت يەنە بىر سامسارا (بۇددا دىنىدا ھاياتلىقنىڭ ئايلىنىپ تۇرۇشى ) غا كىرىش ھېسابلىنىدۇ . ئۇلار ئۆلۈمدىن قورقۇپ كەتمەيدۇ ، قايتا تۇغۇلۇش ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس سامساراغا ئەھمىيەت بېرىدۇ . كاتماندۇدىكى پاسپاتنا ئىلاھ بۇتخانىسىنىڭ سىرتىدىكى باگماتى دەرياسى بويىدا تاشتىن ياسالغان بىر قانچە كۆيدۈرۈش سۇپىسى بار بولۇپ ، بۇ ھىندى دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرىدىغان جايى ، شۇڭلاشقا بەزى كىشىلەر پاسپاتنا ئىلاھ بۇتخانىسىنى ‹‹جەسەت كۆيدۈرۈش بۇتخانىسى›› دەپ ئاتايدۇ. بۇ جاي ئاللىقاچان ئۆزگىچە ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر چوقۇم كېلىدىغان سەيلىگاھ بولۇپ قالغان . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
جەسەت كۆيدۈرۈش نەق مەيدانىغا بېرىشتىن بۇرۇن ، بۇ جايغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يول بويىدىكى يايمىلاردىن ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدۇ
باگماتى دەرياسى نېپاللىقلارنىڭ ھاياتلىق ئايلىنىشىدىكى ئۆتكەل، نېپاللىقلارنىڭ نەزەرىدە ئۇ ئەڭ مۇقەددەس دەريا ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى ئۇ ھىمالايا تاغ تىزمىسىدىن باشلىنىپ جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ ، ھىندىستاندىكى گانگ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ
كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش سۇپىسىنىڭ ئەتراپىنى نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلار ئورۇۋالىدۇ ، بۇلارنىڭ كۆپى ساياھەتچىلەردۇر مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بەزى كىشىلەرمۇ قەدىمىنى توختىتىپ دەپنە مۇراسىمىنى كۆرىدۇ
بىرقانچە بالا قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىدا ئوينىماقتا ، ئۇلار جەسەتتىن قورقمايدۇ ، ئەرۋاھ دېگەنلەرگىمۇ ئىشەنمەيدۇ . بۇنىڭغا كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلى يەتمەيدۇ ئىز تورى www.iz.la
يۇيۇنۇۋاتقىنى ئۆلگۈچىنىڭ ئوغلى ، ئېيتىلىشىچە، ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ھازا كىيىمى كىيىپ ، ماتەم تۇتۇپ ۋاپادارلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن
كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دەريا بويىغا كۆتۈرۈپ ئەكېلىدۇ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاندىن مۇقەددەس سۇ بىلەن ئۆلگۈچىنى سۇغا ئېلىپ (پاكىز يۇيۇپ)، ئۇنىڭ كېيىنكى ھايات يولىغا پاكىز قەدەم تاشلىشىنى تىلەيدۇ
بۇ جايدا ھەر كۈنى نەچچە ئون جەسەت كۆيدۈرۈلىدۇ، ئۆلگۈچىنى سۇغا ئالغاندا بەزىدە قاتار ئۆچىرەت تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جەسەت سۇغا ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش سۇپىسىنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ
كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش سۇپىسىدا، ئاۋۋال 300 كىلوگىرام ياغاچ بەش قەۋەت ئېگىزلىكتە تىزىلىدۇ، ئاندىن ئۆلگۈچى تىزىلغان ياغاچ ئۈستىگە ياتقۇزۇلىدۇ
ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر قەۋەت شال پاخىلى يېيىتىلىپ، ئوت قويۇلىدۇ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئائىلە ئەزالىرى بىر چەتتە ئۇلۇغ ئوتنىڭ جەسەتنى يالمىشىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ، بۇ ئېچىنىشلىق مىنۇتلاردا، سىز ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كارنىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايسىز ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
جەسەت كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغاندا، ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى گانگ دەرياسىغا ئوڭۇشلۇق ئېقىپ بېرىشى ئۈچۈن، جەسەت كۈلى دەرھال باگماتى دەرياسىغا سۈپۈرۈپ چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ، كىشىلىك ھايات شۇنىڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خىزمەتچى خادىملار دەريادىن چېلەكلەپ سۇ توشۇپ، دەپنە سۇپىسىنى يۇيۇپ پاكىزلايدۇ، ئاندىن يەنە باشقا بىر جەسەت قويۇلىدۇ ئىز تورى www.iz.la
ياغاچ پۈتۈنلەي كۆيۈپ بولالمىغانلىقتىن، مەخسۇس كىشىلەر دەريادىن ئۇلارنى سۈزۈۋېلىپ، قايتا پايدىلىنىدۇ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دەپنە سۇپىسى ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ، بۇ ئاددىي پۇقرالارنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدىغان سۇپا
دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكىسى بىر پۇلدارنىڭ مەخسۇس دەپنە سۇپىسىدۇر بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكىسى خان جەمەتى مەخسۇس ئىشلىتىدىغان دەپنە سۇپىسى
ئىز تورى www.iz.la
ئوڭ تەرەپتىكى ئاۋۇ ئۆيلەر دوختۇرلار قۇتقۇزۇۋالغىلى بولمايدۇ، دەپ دىياگنوز قويغان بىمارلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارامگاھى
بارا–بارا قاراڭغۇ چۈشكەن بولسىمۇ، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش سۇپىسىدا ئوت يەنىلا يالقۇنجاپ تۇرماقتا ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى