كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا يۈزگە ئايرىش مېيى، ياخشىسى ئېكرانغا قوغداش ئەينىكى سەپلىۋالسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلغاندا بەدەن بىلەن ئېكراننىڭ ئارىلىقى 70 سانتىمېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېر كۆپ قويۇلغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغۇچىلار، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم يۈزىنى يۇيۇۋېتىشى كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار، ياخشىسى، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىغا چەك قويۇشى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا رادىياتسىيەنىڭ ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى كۈچلۈك بولىدىكەن.