ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ھىندىستاندىكى يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلار 35 كە يەتتى

2011-يىلى07-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى : ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 10–ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ كۈنى ھىندىستاننىڭ ئۇتتارپرادېش شەھىرىنىڭ فاتېخپۇر دېگەن يېرىدە يۈز بەرگەن يولۇچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلار سانى 35 كە ، يارىدارلار سانى 200 گە يەتكەن .

   ھىندىستان تۆمۈريول تارمىقى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ يولۇچىلار پويىزى ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى كالكۇتتا شەھىرىدىن شىمالىدىكى خارياناغا كېتىۋاتقان بولۇپ ، ئۇتتارپرادېشنىڭ فاتېخپۇر رايونىدىكى مارۋا ۋوگزالىغا يېقىن جايدا رېلىستىن چىقىپ كەتكەن . پويىزدا 15 ۋاگون بار بولۇپ ، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بىر قىسىم ۋاگونلار ئۆرۈلۈپ كېتىپ ، نۇرغۇنلىغان يولۇچى ئۆرۈلگەن ۋاگوندا قاپسىلىپ قالغان . ھىندىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ھىندىستان ئارمىيەسى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ، داۋالاش خادىملىرىمۇ تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزغان.

     
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!