جۇڭگو ئاخبارات تورى 7-ئىيۇل تېلېگراممىسى: جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى 9-ئىيۇل پايتەخت جۇبادا تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
جەنۇبىي سۇدان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەبرىكلەش مۇراسىمى شۇ يەر ۋاقتى 9-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن(بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00دە) سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ سابىق رەھبىرى جون.گاراڭنىڭ قەبرىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن . جەنۇبىي سۇدان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى جامىس . ۋارنى جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىل بولۇپ، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، ھەمدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئارقىدىن سالۋا.كيىر قەسەم بېرىپ جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بەشىر ‹‹جەنۇبىي سۇداننىڭ ئەڭ مۇھىم مېھمىنى››بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ كۈنلۈك تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەشىر خارتۇمدىن جۇباغا كېلىشتىن ئىلگىرى مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن: بىز جەنۇبتىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشىغا، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىمىز. ئۇ يەنە 9-ئىيۇل جەنۇبىي سۇداننى مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون جۇباغا كەلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي سۇدان دۇنيادىكى يېڭى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن زور رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ، ئەمما تەبىئىي بايلىق جەھەتتە مۆلچەرلىگۈسىز يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 619مىڭ كىۋادرات كېلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى سەككىز مىليون بولۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدۇ.
جەنۇبىي سۇدان زۇڭتۇڭى سالۋا.كيىر قەسەم بەرمەكتە