مەركەز سۇ ئىشلىرى يىغىنى 8–ئىيۇلدىن 9–ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .
زۇڭلى ۋېن جياباۋ يىغىنغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى
لى كېچياڭ يىغىنغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى