قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىبۇ-زىننەت تاقاش ئادىتىگە نەزەر

ۋاقتى:2011-07-11 10:22مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

 


ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى زىبۇ زىننەتلىرى دۇنياغا داڭلىق . ئۇيغۇر ئاياللىرى تەبىئەتتىكى ھەر خىل ئالتۇن، كۈمۈش، قاشتېشى ۋە ياقۇتقا ئوخشاش قىممەتلىك مېتال ۋە تاشلاردىن زىننەت ئۈچۈن ئىنتايىن كۆركەم، سىپتا سەنئەت بويۇملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇلار بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، تېخىمۇ جەزبىدار ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشكە تىرىشقان. ئاسماننىڭ بېزەكلىرى بولغان يۇلتۇزلار، كېچىنى يورۇتقۇچى ئاي ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى گۈل-گىياھلار خوتۇن-قىزلارنىڭ بويۇن ۋە قۇلاقلىرىدا زىننەت بويۇمى بولۇپ ئەكس ئەتكەن. تۆۋەندە بۇ زىننەت بويۇملىرى ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز: ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىرىنچى: بارماققا ئالتۇندىن ئۈزۈك ياساپ، ئۇنىڭغا ياقۇت ۋە قاشتېشىلاردىن كۆز سالدۇرۇپ، بۇنى: «يۈزۈك» دەپ ئاتىشاتتى. كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ، دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بولغان . شۇڭا ، سۈزۈك ئاق قاشتېشىدىن كۆز قويۇلغان ئۈزۈكنى ئەرلەرمۇ بارماقلىرىغا سېلىۋالاتتى . ئەرلەرنىڭ بۇ ئۈزۈكنى تاقىشى زىننەتلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر . قاشتېشىنى بۆزگە ئوراپ ئوتقا تاشلىغاندا بۆزمۇ، تاشمۇ كۆيمەيدۇ، ئۇسسىغان ئادەم ئۇنى ئاغزىغا سالسا ئۇسسۇزلىقنى باسىدۇ .
ئىككىنچى، ئەرلەر ئۈزۈكتىن باشقا زىننەت بويۇمى تاقىمايدىغان بولۇپ ، كەمەرلەرگە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان توقىلارنى بېكىتەتتى، خانلارنىڭ كەمەرلىرى تېخىمۇ ئېسىل بولاتتى . ھەتتا گۆھەردىن كۆز قويۇلاتتى . ئۇنىڭدىن باشقا زۇلپىقار ۋە ئېگەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ساپلىرىمۇ ئېسىل تاشلار ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن زىننەتلىنەتتى، بۇنداق زىننەتلەش ئۇسۇلى - «ئۇستەم» دېيىلەتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۈچىنچى، «بوز مۇنچاق» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل زىننەت بويۇمى بولۇپ، بۇ ئىپار سۆكتىن ياسىلىپ، قىز-ئاياللار تاقىشىدۇ.
تۆتىنچى، خوتۇنلار قۇلىقىغا سالىدىغان بىر خىل زىرە بولۇپ، بۇ ھالقا زەنجىرلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنى «كۈپە» دەپ ئاتىشاتتى. خۇددى زەنجىرلىك ساۋۇتنى «كۈپە يارىق» دېگەنگە ئوخشاش .
بەشىنچى، نىكاھ كېچىسى كېلىنگە تاقاپ قويۇلىدىغان بىر خىل قىممەت باھالىق زىننەت بويۇمى بولۇپ ، ئۇ ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ، ئۈستىگە قىممەت باھالىق تاش ۋە مەرۋايىت ئورنىتىلىدۇ. بۇ «بوغماق» دەپ ئاتالغان .
ئالتىنچى، قۇلاققا سېلىنىدىغان ھالقىنىڭ «تولغاق» سۆكە دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىرقانچە خىلى بار بولۇپ، ئۇنى «يىنچۇ تولغاق» (ئۈنچە ھالقا) دەپ ئاتاشقان. www.iz.la
يەتتىنچى، قىزلار دوپپىلىرىغا ئالتۇن قاداق تۇتىدۇ . بۇنى «بۆرك بورتىلاندى» دەپ ئاتىلاتتى، بۇنىڭ مەنىسى بۆككە ئالتۇن قاداق تۇتتى دېگەننى بىلدۈرەتتى .
سەككىزىنچى، يۇقۇرقىلاردىن باشقا ئۇيغۇر قىزلىرى ھەر خىل ياقۇت ۋە تاشلاردىن بوينىغا مارجان ئاسىدىغان ۋە ئالتۇندىن بۇلاپكا تاقايدىغان ئادەتلىرىمۇ بار . مەسىلەن، «باقان» دەپ ئاتىلىدىغان بىر زىننەت بويۇمى بار ئىدى. بۇ ئالتۇن ۋە ئالتۇنغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ياسالغان بويۇن ھالقا ياكى ئالتۇن چەمبەر. بۇنى «ئالتۇن باقان» دەپ ئاتىشاتتى . مارجاننى بولسا «ساتا» دەپ، قىممەتلىك تاشلاردىن ياسالغىنىنى «مۇنچۇق» دەپ ئاتاشقان .ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن. copyright by www.iz.la
ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى قەدىمدىن تارتىپلا گۈزەللىككە ئىنتىلىپ كەلگەن. ېۇلارنىڭ گىرىم قىلىش ئادىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئۈلگىلەرنىڭ بىرى. قەدىمقى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىشلەتكەن گىرىم بويۇملىرىدىن:
1. ئەڭلىك. بۇ ئاياللار يۈزىگە سۈرتىدىغان ئاچ قىزىل بوياق. يەنە ئۇپىمۇ بار.
ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىدە قەدىمدىن تارتىپ ماڭىزنىڭ قىزىل بولۇشى ساغلاملىق، گۈزەللىك، نومۇسلۇق ۋە ئۇياتلىقنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىدۇ. يۈزىدە قېنى بولمىغان ئادەملەر يامان خاراكتېرلىك ياكى كېسەل، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، يۈزىنى قىزارتىدىغان كۈچلۈك تاماقلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلاتتى . copyright by www.iz.la
2. ئۇلاش ۋە كۆپتۈرۈش شەكلىدىكى پەرداز .
ئۇيغۇرلار چاچنى گۈزەللىكنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلغان ھەم چاچنى قەدىرلىگەن. ھەممە كىشىنىڭ چېچى كۆڭۈلدىكىدەك قويۇق ھەم ئۇزۇن بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، بۇنداق كەملىكنى تولدۇرۇش ئۈچۈن چاچنى كۆپتۈرۈش ۋە چاچقا سۈنئىي چاچ ئۇلاش ئارقىلىق تولۇقلىغان. بۇنداق چاچ ئۇلاش ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، چېچىغا چۇپۇردىن چاچ ياساپ ئۇلاپ ، چېچىنى ئۇزۇن ھەم توم كۆرسىتەتتى . بۇنداق يالغان چاچ "ئۆڭىك" دېيىلىدىكەن . ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۆرۈمە چېچىنى بولسا «ئۆرگۈچ» دەپ ئاتايدىكەن. ئەگەر چېچى يوق ياكى چېچى شالاڭلار ئۆچكە چۇپۇرىدىن ماڭلاي چاچ ياساپ، ئاز چاچنى كۆپتۈرۈپ كۆپ قىلىپ كۆرسىتىدىكەن . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
3. سىلىقلاش شەكلىدىكى پەرداز
ئۇيغۇر ئاياللىرى يۈزىدىكى ۋە بەدىنىدىكى تۈكلەرنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تازىلاپ سىلىقلاشقا قەدىمدىن تارتىپ ئادەتلەنگەن. قاشلىرىنى موچىن بىلەن تېرىپ ئىنچىكلەشتۈرۈش، يۈزىدىكى تۈكلەرگە يىپ سېلىپ سىلىقلاپ تۇرۇشنى ئۇلار «مەڭدەشتى» دەپ ئاتىغان . يۈزىگە يىپ سېلىپ تازىلاش ئۇسۇلىنىڭ پايدىسى، يۈزلىرىنى سىلىق، پارقىراق قىلىش رولىغا ئىگە بولغان . بەدەندىكى مويلارنى چۈشۈرۈشكە بولسا، «ئودۇتال» دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس تۈك چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ھاك ئارلاشمىسى بولۇپ، شۇنى ئىشلەتكەن .
ئاياللار ئۇزۇن چاچ قويۇشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، چاچلىرىغا جىگدە يېلىمى سۈرتۈپ چاچلىرىنى قۇۋۋەتلەپ كەلگەن. دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمقى گىرىم قىلىش ئادەتلىرىدىن قارايدىغان بولساق، ئۇلاردىكى گۈزەللىككە بولغان قارىشى ئېنىق بولۇپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئۆرپ - ئادەت نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ ئۆزلىرىدىكى چاچنىڭ توم ۋا قارا بولىشىغا ، ئۇزۇن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . ھازىرقى گرىم بويۇملىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گىرىم قىلىش سەنئىتىگە قارايدىغان بولساق ، ئۆزگىرىش ئىنتايىن چوڭ . ئۇزۇن چاچلىقلاردىن قىسقا چاچلىقلار كۆپ . قارا چاچلىقلاردىن رەڭلىك چاچلىقلار كۆپ.
ئىز تورى بەك ياخشى

مەنبە؛جوڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(8)
88.9%
ئالقىشلايمەن
(1)
11.1%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...