ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى

ۋاقتى:2011-07-15 11:03مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھىرىر: چېكىلىشى:قىتىم
  

مۇتەللىپ ياقۇپ

ئۇيغۇرلاردا قىز بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت، دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەندىن باشلاپ قۇلىقى تېشىلىدۇ. ئەنئەنىۋى قۇلاق تېشىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، كىشىلەر قىزلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈشتە بىرەر موماينى تەكلىپ قىلىدۇ. موماي قىزنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىنى قوناق ياكى چىگىت بىلەن ئۇزاق ئۇۋۇلاپ، قۇلاق يۇمشىقىنىڭ قېنىنى قاچۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يىڭنە بىلەن قۇلاقنى تېشىدۇ-دە، ئىچىگە سۈپۈرگە تېلى ياكى چاي شامىسىنى سانجىپ قويىدۇ. ناۋادا قۇلاقتىكى ئەسلىي تېشىلگەن تۆشۈك پۈتۈپ قالسا، بۇزۇلۇپ كەتسە، ئاندىن 2-قېتىم يەنە تۆشۈك تېشىدۇ. قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تەشكەندە ئۇنىڭ چىدىماي يىغلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر-ئىككى تال تۇخۇم ياكى بىرەر نەرسە يىگۈزۈپ قويىدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تەشكۈزگەن كۈنى ئانىسى ئۇلارغا چىرايلىق بىر جۈپ ھالغا ياكى بىرەر سوۋغات ئېلىپ بېرىش بىلەن قىزىنىڭ كۆڭلىنى ئالىدۇ ھەمدە بىرەر ئايغىچە ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ ئەتراپىغا يارا-چاقىلارنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مايلاپ، ھەر خىل مەلھەملەرنى سۈرتۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق ئاساسەن ئۆرۈك چېچەكلىگەن پەيتلەردە تېشىلىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قۇلاق تېشىش ئادىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قىز-ئاياللارغا ھەر خىل ھالقا، مۇنچاقلارنى سوۋغا قىلىش ۋە تويلۇق ئۈچۈن قۇلاققا ئاسىدىغان ھەر خىل زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلىش ئادىتى شەكىللەندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ھالقا ۋە زىبۇ زىننەتنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەر تۈرى مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى ھالقا، سۆكە، مۇنچاق، زىرە، سىرغا قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدۇ. ئۇلار بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزلارنىڭ تويلۇقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئۆز بەدىنىگە مەلۇم زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاش ۋە ئېسىش بىلەن بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قۇلاق تېشىپ ھالقا ئېسىش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياسىنىش ئادىتى. بۇ ئۇيغۇر زىبۇ-زىننەت مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

(بۇ ماقالە «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2011-يىل 8-ئىيۇل سانىدىن ئېلىندى)

ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئۇيغۇر بىناكارلىق نەققاشلىقى

    ئۇيغۇر بىناكارلىقىدىكى نەقىش سەنئىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ-دەريالار، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، مېۋە-چېۋىلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەندەك باشقا، تۇرمۇش بۇيۇملىرىغىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىلگەن. ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەق...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچىمەك مەدەنىيتى(كاۋاپ)

    غالىب غوجىئابدۇللا مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تۇرمۇش شەكلى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادىتى، كىيىم-كېچىكى ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتى جەھەتتىمۇ روشەن خاسلىقنى ساقلاپ...

  • كۇچا پىچاقلىرى

    گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى يىپەك ي...

  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىنىڭ بىرى(مەشىرەپ)

    مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخ...

  • چەتئەللىكلەر نەزىرىدىكى قەشقەر

    ئۆز دىيارىمنىڭ خاسلىقى ۋە خەلىقلىرىنىڭ مىھماندوست،ئاددى-ساددا...

  • دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئون مومىيا

    1. فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى: فىرئەۋن رامسېسىلⅡ نىڭ مومىياسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مومىيا . ئۇنىڭ بايقىلىشى خۇددى ۋاشىڭتون،لىنكولىن، ئالىكساندىر ياكى كېلىئوپاترالارنىڭ مومىياسىنى بايقىغانغا ئوخشاش دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى13-ئەسى...

  • قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

    ...

  • قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل

    قەشقەر ھىيتگاھ مەيداننىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن تارتىلىغان رەسىمى رەسىم 1...

  • شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى

    ئابدۇكېرىم ياقۇپ شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ ئالدى دەرۋازىسى      شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ تارىخىنى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈي يىللىرى ( 1879 – يىلى) غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى بېيجىڭدا...

  • باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى

    ئۆركەش جاپپار      2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناھىيىسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ، باينىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولدۇم. شۇ كۈنلەردە ناھىيىدە ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى›› ئېچىلغان...

  • يارغول قەدىمىي شەھىرىدىكى سىرلار

             ·يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ 10 كىلومېتىر غەربىدىكى ئىككى دەريا قىنى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كىچىك ئارال . ئۇنىڭ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 1760 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 300 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئارالنىڭ ئەترا...