ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكى جانلاندى

2011-يىلى07-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

بوغدا كۆلى

    ياز كىرگەندىن بۇيان ، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكى ناھايىتى جانلاندى ، 6-ئايدا ، بۇ مەنزىرە رايون كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 161 مىڭ 900 (ئادەم/ قېتىم) گە يەتتى . بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ، بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 380 مىڭدىن ئېشىپ ، بۇنىڭدىن قىلىنغان ئىقتىسادىي كىرىم 209 مىليون يۈەنگە يەتكەن .

    بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى شىن‍جاڭدىكى تۆت  5A دەرىجىلىك ساياھەت رايونىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 548 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ، بۇ رايوندا بوغدا كۆلى(دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1900 مېتىر كېلىدۇ)   قاتارلىق سەككىز مەنزىرە رايون  ، 38 مەنزىرە نۇقتىسى بار . بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ ، مۇزلۇق ، ئورمانلىق ، جىلغا ، يېشىللىق ، قاقاسلىق ، ئوتلاق ۋە قۇملۇق قاتارلىق تەبئىي مەنزىرە بىر گەۋدىلەشكەن بولغاچقا ، چۆللۈكتىكى تەبىئىي مۇزېي ۋە تارىختىن بۇرۇنقى جانلىقلار كۆرگەزمىخانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

   ياز كىرىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ئىنتايىن جانلانغان . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ئىنتايىن گۈللەنگەن بولۇپ ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى جەمئىي 13 مىليون 748 مىڭ 500 گە يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %32 ئاشقان ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 13 مىليارد 640 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، %35 ئاشقان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!