ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

جۇ يۇڭكاڭ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شىخۇا ۋە دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكى ئەزالار بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى07-ئاينىڭ08-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. يولداش جۇاڭ شىخۇانىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 6 – ئىيۇل بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شىخۇا ۋە دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكى ئەزالار بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەلىك كادىرلار يولداش جۇاڭ شىخۇادىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرىغا ساداقەتمەنلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، خەلق ئۈچۈن چاكارلارچە خىزمەت قىلىپ، پاك ۋىجدانى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئالغا ئىنتىلىش روھى بىلەن تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

    جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: يولداش جۇاڭ شىخۇا چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان 38 يىلدىن بۇيان، ئاساسىي مەقسەتنى باشتىن – ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغىرىققا سەۋەب قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، مېھىر – شەپقىتى، مۇھەببىتى ئارقىلىق پارتىيە بىلەن ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدا قەلب كۆۋرۈكى سېلىپ، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇ بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن غايە، ئېتىقادىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاپالىق چېگرا رايونغا بېرىپ خىزمەت قىلدى، ئۇ دوختۇردىن دوختۇرخانا باشلىقى بولغانغا قەدەر باشتىن – ئاخىر داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى. دوختۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېببىي ئەخلاقتا ئالىيجاناپ بولۇپ، ‹‹ئاغرىقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقىم، ئازابىنى ئۆز ئازابىم، ئاغرىقنىڭ ھاياتىنى ئۆز ھاياتىم›› دەپ بىلىپ، يۈز مىڭلىغان ئاغرىقنى كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆت خالتىسى ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 100 مىڭدىن كۆپرەك ئاغرىقنىڭ ئۆت خالتىسىنى قۇرساق بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك كېسىپ ئېلىۋېتىپ، تېببىي ساھەدە مۆجىزە ياراتتى. زامانىمىزدىكى ھەربىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتىن ئاڭلىق ئۆتكۈزۈپ، چېگرا رايون مۇقىملىقىنى ھەر ۋاقىت قوغداپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ھەر ۋاقىت ئويلاپ، قۇملۇق، چۆللۈك، قارلىق دالىلاردىكى قاراۋۇلخانىلارغىچە بېرىپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەردىن بولۇپ، 200 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم (قېتىم) نى سەييارە داۋالىدى. ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆز ۋەزىپىسى دەپ بىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ياخشى تەرىپىگە ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، پارتىيە بىلەن خەلق، ئامما بىلەن كادىر، ئارمىيە بىلەن خەلق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى. يولداش جۇاڭ شىخۇا شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا رايوننى قىزغىن سۆيۈش، چېگرا رايوننى قۇرۇش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاش ۋەكىلى، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۈلگىسى، بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز!

     جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ‹‹1 – ئىيۇل››دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولداش جۇاڭ شىخۇا دەل مۇشۇنداق پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىكى ئىلغار تىپ.

    جۇ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا ئاتلاندى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. يولداش جۇاڭ شىخۇانىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى داۋاملىق كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرايلى›› باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، ھەر مىللەت خەلقى ياخشى، خەلق ئارمىيەسى ياخشى، دەيدىغان دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، بىرلىكتە گۈللەپ راۋاجلىنىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ ئاتا قىلىشىمىز كېرەك. يولداش جۇاڭ شىخۇانىڭ شەرەبنى قەدىرلەپ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    دوكلات يىغىنىنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەردىن بولۇپ تەخمىنەن 800 كىشى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!