تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ياقۇپ خەۋىرى ، فوتوسى: تېكەس ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى 4-ئىيۇلدىن 6-ئىيۇلغىچە ، تۇنجى قارارلىق قىزىل گالىستۇكلۇق كىچىك مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ ، ناھىيەدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن 20 نەپەر قىزىل گالىستۇكلۇق كىچىك مۇخبىرنى ئاخبارات يېزىقچىلىق بىلىملىرى ۋە ئاخبارات فوتو سۈرەت بىلىملىرى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلىدى .