ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئېلان قىلغان جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ 4–ئىيۇلدىكى ھەرىكەت لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي مەلۇماتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئىيۇل تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى 7–ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانى ئۆزىمىزگە تەۋە دېڭىز بوشلۇقىدا ئۇچتى ، بۇ خەلقئارا قانۇننىڭ ئالاقىدار مىزانلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى بىرلەشمە باش ئىشتابى مۇنداق دېگەن : 4–ئىيۇل، جۇڭگونىڭ ئىككى ھەربىي ئايروپىلانى دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە 60 كىلومېتىر قالغان جايغا يېقىنلاشتى ، بىراق ‹‹ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكى›› گە ئوخشاشلا كىرەلمىدى. ياپونىيە ئاۋىياتسىيە قوغدىنىش ئەترىتى ناخا بازىسىنىڭ ‹‹F-15›› تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى جىددىي ئىشقا سېلىپ توستى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانى ئۆزىمىزگە تەۋە دېڭىز بوشلۇقىدا ئۇچتى، بۇ خەلقئارا قانۇننىڭ ئالاقىدار مىزانلىرىغا تامامەن ئۇيغۇن. مەن ئىككى نۇقتىنى تەكىتلەپ قويماقچى: بىرىنچىسى، دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئاراللار قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ زېمىنى، جۇڭگو بۇنىڭغا قارىتا مۇنازىرىسىز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە؛ ئىككىنچىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ شەرقىي دېڭىز (دۇڭخەي) دىكى جۇڭگوغا قاراتقان يوشۇرۇن تەكشۈرۈش–چارلاش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، ياپونىيە تەرەپنىڭ ھەربىي پاراخوت–ئايروپىلانلىرى جۇڭگونىڭ نورمال دېڭىز–ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇزاق ۋاقىت يېقىن ئارىلىقتىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئاسانلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىق، خاتا ھۆكۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بىز ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو–ياپونىيە دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىش نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، كۈتۈلمىگەن دېڭىز–ھاۋا ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئېلان قىلغان جۇڭگو ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ سۈرىتى