ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋىرى : نىلقا ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى 6-ئىيۇل، ناھىيە تەۋەسىدىكى بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن توققۇز نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىغا 1500 ~ 2000 يۈەنگىچە جەمئىي 12 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشىغا مەدەت بەردى .
ئۇلاستاي يېزىسىدىن كەلگەن ئىلى كەسىپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ رېمونتچىلىق كەسىپىگە قوبۇل قىلىنغان مېيىپ ياش جالغاسبەك خوشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى : ھۆكۈمەت ماڭا 2000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى ، مەن چوقۇم تىرىشپ ئوقۇپ ، رېمونتچىلىق تېخنىكىسىنى ياخشى ئىگىلەپ ، كەلگۈسىدە ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەيمەن .