ئىختىيارىي مۇخبرىمىز مېھراي.مۇتەپ خەۋىرى : 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان كۈنەس ناھيىسىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى 29- ئىيۇل ئىش باشلىدى.
كۈنەس ناھيىسى بۇ يىل خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئون ئەمەلى ئىش قىلىپ بېرىش پىلانلىغا كىرگۈزگەن ئاممىۋى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىك قۇرۇلۇشنى ياخشىلاش تۈر قۇرۇلىشىنىڭ بىرى بولۇپ ، ناھىيە مەركىزىگە جايلاشقان بۇ قەدىمىي تەنتەربىيە مەيدانى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۇرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى تاشلىنىپ قېلىنغان ئىدى .
تەنتەربىيە مەيدانىنى كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلىشى ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى . دەم ئېلىشقا پېنسيگە چىققان پىشقەدەملەر ياسلىۋاتقان قۇرۇلۇشنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى : "بۇ تەنتەربىيە مەيدانى كۈنەسنىڭ سېموۋولى دېسەك ئارتۇق قىلمايدۇ، بۇرۇن ناھىيەمىزدە پەقەت مۇشۇ بىرلا پائالىيەت مەيدانى بار ئىدى ، ھەر قانداق پائالىيەت مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلەتتى ؛ بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرىمىزدە بالىلىرىمىزنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ سەيلى -ساياھەت قىلىپ ئوينىتاتتۇق ؛ ئەمما نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بۇ تەنتەربىيە مەيدانى تاشلىنىپ قالغان ئىدى ، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىڭ 90 يىللىقنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى پەيىتتە ۋە شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەن بېرىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ناھىيەمىز بۇ تەنتەربىيە مەيدانىنى كېڭەيتىپ ياساپ، ھەر مىللەت خەلىق ئاممىسىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولغىنى ھەممەيلەننى خۇشال قىلدى ، بىز پارتىيىمىزگە ،ھۆكىمىتىمىزگە ، شۇنداقلا شىنجاڭغا ياردەم بېرۋاتقان ئولكە شەھەرلەرگە كۆپتىن –كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز".
ئىگىلىنىشىچە، كېڭەيتىپ ياسىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇش 8- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پايدىلنىشقا تاپشۇرۇلىدىغان بولۇپ ، يېڭى تەنتەربىيە مەيدانىدا ۋاسكېتبول ، ۋالىبول ، پۇتبول مەيدانى ياسلىشتىن سىرت ، تۈرلۈك بەدەن چېىقتۇرۇش ئەسلىھەسى سەپلىنىدىكەن .