6-ئىيۇل كەچتە ، جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ 123- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا ، 2018- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىتىنى بەلگىلەش بېلەت تاشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . كورىيەنىڭ پيوڭچاڭ شەھىرى ، گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرى ۋە فىرانسىيەنىڭ ئانناسي شەھىرى بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، نەتىجىدە ، كورىيەنىڭ پيوڭچاڭ شەھىرى بىرىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتىلا ئومۇمىي بېلەتنىڭ يېرىمىگە ئېرىشىپ ، 2018- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىتىگە ئېرىشتى .
بۇ كورىيەنىڭ تۇنجى قېتىم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىتىگە ئېرىشىشى بولۇپ ، بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلىشى بولۇپ قالىدىكەن . بۇنىڭدىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ ناگانو شەھىرى بىلەن ساپپورو شەھىرى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ باققان .