«كىچىك بۈركۈت رادىيو پونكىتى» دىكى كىچىك دىكتورلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى تەشۋىق قىلماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان مەكتەپتە « كىچىك بۈركۈت رادىيو پونكىتى » تەسىس قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ، تارىخىي بىلىملەر ۋە مەكتەپتە يۈز بەرگەن ياخشى ئىش ، ياخشى ھەرىكەتلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈردى .