ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

جاڭ چۈنشيەن: ھەممە ئادەم تىرىشىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، گۈزەل -يۇرت ماكان قۇرايلى

2011-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    5-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك بۆلەك رايونىغا كېلىپ ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت كادىر ، ئاممىدىن ھال سورىدى ، ھەمدە ئۇلار بىلەن شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىشلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى .

    ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتتە،  ئاساسىي قاتلامدىكى ئىدارە -ئورۇنلاردىن كەلگەن ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، مەھەللە كادىرلىرى، دىننىي زاتلار ، يەككە تىجارەتچىلەر، كىرا ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى قاتارلىق 32 ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە كەڭ -كۇشادە سۆھبەتلىشىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچ ۋە ئارزۇ -ئۈمىدلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، 83ياشلىق ئۇيغۇر بۇۋاي خەمىت ئەخمەت ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىمەكتە

    دۆڭكۆۋرۈك قوش تەبرىك مەھەللە ئاممىسى، مەملىكەتلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئەخلاق نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس خەمىت ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن كونا جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ، ھازىرقى بەختلىك سوتسيالىستىك يېڭى جەمئىيەتتە خوشال -خورام ياشاۋاتىمەن. ھايات مۇساپەمدىكى ھەممە ئۆزگىرىشلەرنى كۆڭلۈمگە خاتىرىلەپ كەلدىم، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىككى يىلدىن بۇيان، بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى توغرىسىدىكى ئېتىبار سىياسەتلەر خەلققە نەپ ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى.

   جوخۇي ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لى جىخوڭ سۆز قىلماقتا

    جوخۇي ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى لى جىخوڭ مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئىلگىرى شىركىتىمىز ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىدە، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى ئېلىپ بېرىلغان بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ۋەزىيىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق شىركىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلدى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭلىقلارنىڭ ئېڭىدا ئۆزگىرىش بولدى، كىشىلەرنىڭ قەلبى بىر يەرگە مۇجەسسەملەندى، تەرەققىي قىلغان، باي، ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىشەنچىمىز كامىل.

  ياساھەت يېتەكچىسى گۈلى ئەخمەت سۆز قىلماقتا

    گۈلى ئەخمەت شىنجاڭلىق ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇرتىمىزنىڭ گۈزەللىكى، ياخشىلىقىنى پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنياغا تونۇتىمەن، دېگەن ئەقىدە -ئىخلاس بىلەن ئىشلەپ كەلدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈنسېرى راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، گۈلى ئەخمەتنىڭ خىزمەتلىرى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۇ شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىش ئارزۇسى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى:  ھەر يىلى ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان ساياھەتچىگە شىنجاڭنى تونۇتتۇم، چۈشەندۈردۈم. مەن كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى ۋە ياخشىلىقىنى پۈتۈن مەملىكەت ۋە دۇنياغا يەتكۈزۈدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ‹‹كارخانا-گورۇھلار تەرەققىيات تورى››نىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ شيوڭ

    تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جاڭ شيوڭ 2006-يىلى ‹‹كارخانا-گورۇھلار تەرەققىيات تورى››نى قۇرۇپ چىققان. ئۇ ئىلگىرى جاڭ چۈنشيەنگە بىر پارچە خەت يازغانىدى، ئۇ ناھايىتى تېزلا جاۋاپقا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭغا زور ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ تىجارىتىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىشقا باشلىدى. ئۇ جاپاغا چىداش روھىنىڭ سىموۋلى بولغان كارخانىسىنىڭ قۇت بەلگىسى- ياۋا تۆگە مودېلىنى سۆھبەت يىغىنىغا ئەكىلىپ، ئۆز قولى بىلەن جاڭ چۈنشيەنگە سوۋغا قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز پەقەت تىرىشقاندىلا، ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى؛ تىرىشقاندىلا ، ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز. نۆۋەتتە شىركىتىمىز ئىچكى ئۆلكىلەرگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا، بىزنىڭ شىنجاڭ ۋە مەملىكەتتە تەسىرى زور تور پۇنكىتى بولۇپ چىقىش ئىشەنچىمىز بار.

    دىننىي زات ياۋ دېشياڭ، مەھەللە كادىرى ھەدىيە ئىسلام، مەخسۇت سېيىت، يەككە تىجارەتچى ئابدۇۋەلى مەمەت، تاڭ شېڭ، يۇ يۇنۇس ئاقموللا، پەن جۈن ۋە مەھەللە ۋەكىللىرى ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە-شەھەرلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قوللىشى، قېرىنداش ئۆلكە، رايونلارنىڭ ياردىمى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئۆزىنىڭ جۈپ قولىغا تايىنىپ، بەختلىك تۇرمۇش قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىسىنى بىلدۈردى.

 

جاڭ چۈنشيەن ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل خاتىرىلىمەكتە

    جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەر، روھىي قىياپەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى ھەم تەسىرلەندىم. شىنجاڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم تىرىشىش، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتىكى ئاسان قولغا كەلمەيدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى قوللىشى، 19ئۆلكە- شەھەرنىڭ ياردىمىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ قىياپىتى تېزراق ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.

    جاڭ چۈنشيەن ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن، ھەرمىللەت ئاممىسىنى قىزغىن سۆيۈپ، بەجانىدىللىق بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشلەردەك كۆرۈپ، ئاسراش، ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، قىيىنچىلىق ۋە جاپالاردىن قورقماي، يامان ئادەم، يامان ئىشلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ساغلام كەيپىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پەقەت تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. بىرلىكتە تىرىشىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى!

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجې قاتارلىقلار سۆھبەتكە قاتناشتى.  

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!