مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قىسىقىچە تەرجىمالى

ۋاقتى:2011-07-05 12:45مەنبە: تەھىرىر:رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

ئۇلۇغ ئالىم ، تىلشۇناس ، مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى 11 -ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان قەشقەردە دۇنياغا كۆز ئاچقان .ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرىدىن ئىدى.ئۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 11- ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ .مەھمۇت قەشقىرىنىڭ بالىلىق چاغلىرى قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى زەئىپلىشىپ ، ئوردىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقوق تالىشىش زىددىيەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئەللەر بىلەن بولغان نىزالار مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا توغرا كەلگەن ئىدى .بۇ خىل مۇھىت مەھمۇت قەشقىرىنىڭ گۆدەك قەلبىدە چوڭقۇر جاراھەتلەرنى قالدۇرغان بولسا ، ئۇنىڭ خاراكتىر جەھەتتىن قەيسەر ، تىرىشچان ، ئىرادىلىك بولۇپ چىقىشى ئۈچۈنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەيمۇ قالمىدى.ئۇ قارا ىانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقوقىغا ۋارىسلىق قىلىش ئالدىدىكى قىرانلىق مەزگىلىدە ، يەنى مىلادىيە 1058-يىلى ھۈسەيىننىڭ ئوردىسىدا قانلىق سىياسىي ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىپ ، ھۈسەيىن جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قىرىپ تاشلاندى ! شۇ قىتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگۈرۈشدە ئامان قالغان مەھمۇد قەشقەرى ئوردىدىن مەخپى ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ . مەھمۇد قەشقەرى بۇ جەرياندا ئىلى دەريا ۋادىسى ، سىر دەريا ۋادىسى ، ئوغۇز (دەريايى جەيھۇن) دەريا ۋادىلىرىدا ياشايدىغان تۈرك ، تۈرۈكمەن ، ئوغۇز ، چىگىل ، ياغما ، قىرغىز قاتارلىق تۈركلەر زىمىنىنىئايلىنىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇخاراغا بارىدۇ .

copyright by www.iz.la


مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن قەشقەرى كىچىكىدىن تارتىپلا قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان «مەدرىسەئى ھامىيە » ۋە «مەدرىسەئى ساچىيە » لەردە داڭلىق ئۇستازلارنىڭ تەربىيلىشى بىلەن ھەممىدىن خەۋەردار ، ياراملىق تالىپلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك ، ئۇنىڭ كەڭ تۈرك زىمىنلىرىدىكى يىگانە پائالىيتى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ . ئۇ بارغانلىكى يەردە بىر مەزگىلدىن تۇرۇپ ، شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئولۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ تەرەپلىمىلىك ماتىرىياللارنى توپلايدۇ . 40 ياشقا قەدەم بىسىش ھارپىسىدا سودىگەرلەرگە ئەگىشىپ بۇخارادىن سالجۇق تۈركلىرى ھامىيلىقىدىكى باغدادقا بارىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا مەشھۇر قامۇس « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى يىزىشقا كىرىشىدۇ . ئىز تورى بەك ياخشى
مەھمۇت قەشقىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى مىلادىيە 1074-يىلى باغدادتا يىزىپ تاماملايدۇ ھەمدە ئەسەرگە ئۆزىنىڭ قايسى يۇرتقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەخەللۇسىغا « قەشقەرى » دىگەن نامنى قوللۇنۇشنى زۆرۈر كۆرىدۇ (ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن يىزىلىشى ئالىمنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ تاللىشىغا سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىن . ) . ئەسەر مىلادىيە 1074- يىلى 2- ئايدا يىزىلىپ تاماملانغاندىن كىيىن ، دەمەشىقلىق مۇھەممەت ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبىن ئەبلىپەتىھ بۇ كىتابنى ئەسلى نۇسخىسىدىن ھىجرىيە 446- يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 27-كۈنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىدۇ . مەھمۇت قەشقىرى ھىجرىيە 464-يىلىدىن 466-يىلىغىچە (مىلادىيە 1074_1073) تەھرىرلەپ قايتا تولۇقلاپ ، ھىجرىيە 467-يىلى (مىلادىيە 1075-يىلى ) بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 27-خەلىپىسى ، ھاشىمىلار ئۇرۇقىدىن بولغان خەلىپە مۇھەممەت ئۇغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرۇللا ھەزرەتكە تەقدىم قىلىدۇ . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئالىمنىڭ ئۆز قەلبىگە پۈككەن ئۇلۇغ ئارزۇ - ئارمانلىرى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ . بىراق ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئانا يۇرتقا بولغان سىغىنىش ئوتى بارغانسىرى يالقۇنجاپ ، ھىجرىيە 472 -يىلى (مىلادىيە 1080 - يىلى ) ئايرىلغىنىغا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كىلىدۇ . ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، كىندىك قىنى تۆكۈلگەن توپراق ئوپالنىڭ ئازىخ دىگەن يىرىدە « مەدرىسەئى مەھمۇدىيە » نامىدىكى مەدرىسەنى قۇرۇپ ، « ھەزرىتى موللام » ( بىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم ) دىگەن نامدا ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىدۇ . 8 يىل مۇددەرىسلىك قىلغاندىن كىيىن ، مىلادىيە 1105 - يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەھمۇت قەشقىرى باغدادتىن قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەستىنلا ئەرەپ زىمىنلىرىنى ئۇرۇش تۇمانلىرى قاپلاشقا باشلىغانىدى . شۇ يىللاردىكى ئۇرۇشتا خەلىپە مۇقتەدىنىڭ ئوردىسى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىدۇ . ئوردا كۈتۈپخانىسىدىكى نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك كىتابلارمۇ كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ ، شۇ قىتىم كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ . ئارىدىن يۈز يىل ئۆتۈپ كىتىدۇ . بۇ جەرياندا يوقالغان كىتابلارنىڭ بىر قىسمى كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ . ئەمما « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ نەدىلىكىنى ھىكىم بىلمەيدۇ . ئەجەبا بۇ قىممەتلىك قامۇس ئەنە شۇنداقلا ئىز - دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنمىدۇ ؟ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قان - تەرى سىڭگەن بۇ ئەسەر شۇنداقلا يوققا چىقارمۇ ؟ ئەرەپ زىمىنىدا ھىچكىممۇ بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ دىرىكىنى قىلىپ باقمايدۇ . ئەمما ، ئۇرۇش ئوتلىرى خەلىپىنىڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالىغىنى بىلەن ، بۇ ئىسىل ئەسەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالمىغانىدى . ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئوردىدىكىلەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتقاندا ، مۇقتەدىنىڭ ئوردىسىدا تەلىم ئىلىۋاتقان نامالۇم بىر تالىپە ۋەيران بولۇپ كەتكەن ئوردا كۈتۈپخانىسى ئىچىدىن بىر نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتابنى ئىلىپ چىقىپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ قولىدىكى كىتابلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر قامۇس « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىشى بىلمەيدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تارىخ چاقى مىلادىيە 1200 - يىلىنىڭ سۈبھىسىگە قەدەم قويغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغداد كوچىسىدا چاچلىرى چۇۋۇلغان ، جۇلدۇر كىپەن بىر قىرى تىلەمچى ئايال پەيدا بولۇپ قالىدۇ . ئۇ بىر كۈنى ھىچكىمگە پەرۋا قىلماستىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شاھ ئوردىسىغا قاراپ ماڭىدۇ . ئازراقمۇ ئەيمەنمەستىن پادىشاھنىڭ ئوردىسغا قاراپ كىلىۋاتقان جۇلدۇر كىپەن بىر تىلەمچىنى كۆرگەن ئىشىك باقارلار ئۇنى قىلىچ - نەيزىلىرى بىلەن توسىۋىلىپ ، نەدىن كەلگەنلىكىنى ، پادىشاھقا ئىيتىدىغان قانداق ئەرز - دادىنىڭ بارلىقىنى سورايدۇ . ئۇلار بۇ تىلەمچى ئايالنىڭ شاھ ئالىيلىرىغا ئاتاپ بىر قىممەتلىك سوۋغا ئەكەلگەنلىكىنى ، ئۇنى پادىشاھقا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرمەكتىن باشقا ھىچقانداق ئەرز - داتىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كيىن ، ئەھۋالنى پادىشاھقا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ . پادىشاھ تىلەمچىنىڭ ئوردىغا كىرىشىگە ئىجازەت قىلىدۇ . بۇ جۇلدۇر كىپەن بىچارىنىڭ ئەجەبا ماڭا بەرگىدەك قىممەتلىك قانداق نەرسىسى باردۇر ؟ ياكى ئۇ ماڭا قەست قىلىشقا كىرگەن پىرىخونمىدۇ ؟ تىلەمچىنىڭ تەققى - تۇرقىنى كۆرگەن پادىشاھ دەمال گاڭگىراپ قالىدۇ . قىرى تىلەمچى پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كىيىن ، قولىدىكى بوقچىنى ئاۋايلاپ يىشىپ ، بوخچىغا ئوراپ نەچچە ئون يىل ساقلاپ يۈرگەن بىر پارچە كىتابنى ئىلىپ پادىشاھقا ئىككى قوللاپ سۇنىدۇ . بۇ چوڭ ھەم نەپىس ئىشلەنگەن كىتابنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن يىزىلغان « تۈركىي تىللار دىۋانى » ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ 34 - ۋارىسى خەلىپە ئەل ناسىر ئىنتايىن رازىمەنلىك بىلەن تىلەمچى ئايالغا كۆپ تارتۇقلارنى بىرىپ يولغا سالىدۇ . بۇ مىلادىيەنىڭ 1225 - يىللىرىغا توغرا كىلەتتى . خەلىپە ئەل ناسىر (مىلادىيە 1225 - 1180 ) بۇ كىتابنىڭ بىباھا ، تىپىلغۇسىز كىتاب ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ ، دەرھال ئوردا پۈتۈكچىلىرىنى تەشكىللەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 10 نەچچە پارچە كۆچۈرۈتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنى ئوردا كۈتۈپخانىسىدا قەدىرلەپ ساقلاشقا بۇيرىشتىن سىرت ، باغدادتىكى مۇھىم مەكتەپلەردە دەرسلىك سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئىجازەت بىرىدۇ . خەلىپە ئەل ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنمۇ بۇ كىتاب بىر نەچچە زاماز باغداد شەھىرىدىكى مۇھىم مەدرىسلەرنىڭ قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كىلىدۇ . ئەپسۇس ، خىرىستىيان قىساسچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئەھلى سەلىپ ( كىرىست قوشۇنى ) ئىككىنچى قىتىم شەرققە يۈرۈش قىلىپ ، ئەرەپ زىمىنلىرىنى تيەنە بىر قىتىم خانىۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلىدۇ . ئاشۇ مالىمانچىلىقتا « تۈركى تىللار دىۋانى » يەنە بىر قىتىم دىڭىزغا تاش چۆككەندەك غايىپ بولۇپ كىتىدۇ . ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ كەتكۈچە بۇ كىتابنىڭ ئىز - دىرىكىمۇ بولمايدۇ . كىشىلەر قادىمكى كىتاب خاتىرىلىرىدىن مەخمۇت قەشقىرى دىگەن تۈرك ئالىمنىڭ « تۈركى تىللار دىۋانى »ناملىق بىر مەشھۇر ئەسەر يازغانلىقىنى بىلىشىدۇ . ئەمما ، ھىچكىممۇ بۇنداق كىتابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ . ئىز تورى www.iz.la
1- دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركىينىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ئىغىر بومباردىمانغا ئۇچرايدۇ . بىر زەمبىرەك ئوقى ئاق سۆڭەك دىيار بەكرى جەمەتىدىن بولغان بىر كىتابپۇرۇچنىڭ ئۆگزىسىدە پارتىلاپ ، ئۇلارنىڭ ئەل ئىمىر نامىدىكى مەشھۇر كۈتۈپخانىسىنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ . كىشىلەر كىتاپ دۆۋىلىرى ئارىسىدىن ئۆزلىرى كۆرۈپ چۈشىنەلمەيدىغان ، ئەمما ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن دىۋاننى بايقاپ قالىدۇ .بۇ ئەسلىدە « تۈركى تىللار دىۋانى »نىڭ شۇ كەمگىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر نۇسخىسى بولۇپ ، ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن بىرى بولغان نازىپ بىينىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن بولغان بىر ئايال ئائىلىسىدە ئۇزاق يىل تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ ، كىيىنچە تۇرمۇش ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن دىيار بەكرى جەمەتىنىڭ ئەل ئىمىر كۈتۈپخانىسىغا رەنىگە قويغان قولياما نىسخىسى ئىدى . ئەل ئىمىر كۈتۈپخانىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغان مەشھۇر تىلشۇناس كىل سىلى رىفئەت ئەپەندى دەرھال كۈتۈخانىغا كىلىپ (ھىجرىيە 1335 - يىلى ، مىلادىيە 1974 - يىلى ) بۇ كىتابنى باشقىلاردىن سىتىۋالىدۇ . ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ تەڭداشسىز مىراسنى ئۈچ تومغا ئايرىپ ، 1917 - يىلى ئەسلى نامى بويىچە ئىتانبۇلدا مىخ مەتبەئەدە نەشىر قىلدۇرىدۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كىتاب دۇنيادىكى ھەر مىللەت تۈركولوگلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ .دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملار بۇ كىتاب توغرىسىدا تۈرۈكچە ، نېمىسچە ، ئېنگىلىزچە ، رۇسچە ، ۋېنگر تىللىرىدا كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئىلان قىلىدۇ . گىرمانىيلىك « تۈركى تىللار دىۋانى » تەتقىقاتى بىلەن ئەڭ كۆپ شۇغۇللانغان ئالىم ، سام تىللىرى مۇتەخەسىسى كارىل . بىرىككىلىمان 1928 - يىلى « تۈركى تىللار دىۋانى » نىڭ نېمىسچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئىشلەپ چىققان ئىندېكىسنى ئىلان قىلىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەمەلىيەتتە ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مەشھۇر قامۇسنى چۈشىنىشكە بولغان ئىنتىلىش xx ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىنىدۇ . تۈركىيلىك داڭلىق تىلشۇناس ئاتالاي 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، كىل سىلى رىفئەتنىڭ ئىستانبۇل مىخ مەتبەئە نەشىرىگە ئاساسەن 1941 -يىلى « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ ئۈچ توملۇق تۈركچە تەرجىمىسنى نەشىر قىلدۇرغاندىن باشقا ، يەنە بۇ كىتابنىڭ فاكسىمىل ( فوتو سۈرەت نۇسخىسى ) نۇسخىسىنىمۇ بەشىر قىلدۇرىدۇ .
1960 - يىلىسابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېك ئالىمى ، تىلشۇناس سالىھ مۇتەللىپوف « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى تۈركچىدىن ئۆبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1955 -يىلى قەشقەردە ئاكا - ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن مەرھۇم ئەھمەت زىيائى ئەپەندى بىرلىشىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تەجىمە قىلغان بىرىنچى ئورگىنالى قولدىن چىققان ، ئەمما نەشىر قىلىنماسلىقى توغرىسىدىكى سەۋەبلەر تېخى ئېنىق ئەمەس .
1963_ 1966 -يىللىرى ئۇيغۇر سايرانى تەرىپىدىن بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىككىنچى تەرجىمىسى ئىشلەنگەن ، ئەمما سوتچىل خاتا ئىدىيىنىڭ تەسىرىدىن نەشىر قىلىنماي نابۇت بولۇپ كەتكەن .
1980-يىلنىڭ بىشىدا دۆلىتىمىزنىڭ ھەر مىللەت تىلشۇناس ، مۇتەخەسىس ، ئالىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ ، ئېنىسكوپېدىيلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ قىممەتلىك يازما يادىكارلىقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تارىخ تەتقىقاتىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تولۇق ئېتىبارغا ئېلىپ ئيغۇر ئالىملىرىدىن موللا ئابدۇلھىمىت ھاجى يۈسۈفى ، ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى ، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى ئەپەندى ، مەدەنىيەت - تارىخ تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ، ئابدۇسالام ئابباس ئەپەندى ، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوف ئەپەندى ، سابىت روزى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىشى بىلەن « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ 1941 - يىلى بىسىم ئاتالاي تەرىپىدىن ئەنقەرەدە نەشىر قىلدۇرۇلغان فوتو - سۈرەت نۇسخىسى ئاساسىدا نەشىرگە تەييارلىنىپ ، 1981 - يىلدىن 1984 -يىلغىچە ھەممە قىسمى ھازىرقى زاماز ئۇيغۇر تىلىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن نەشىر قىلدۇرۇلۇپ ، كەڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن . مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان قىممەتلىك ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى » نى ئاشكارا كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولغان ۋاقتىدۇر . بۇ كىتاب 2002 - يىلى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى . copyright by www.iz.la
« تۈركىي تىللار دىۋانى » مەزمۇن جەھەتتىن تىلشۇناسلىق ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە فولىكلور ، مەدەنىيەت ، تارىخ ، ئارخىلوگىيە ، دىن ، توپونومىيە _ يەر ناملىرى ، سوتسىئولوگىيە ، ئېتنوگىرافىيە ، پەلسەپە ، جۇغراپىيە ، تېبابەتچىلىك ۋە ئېكىلوگىيە جەھەتلەرگە چىتىلىدىغان قامۇسى ئەسەر بولۇپ ، دۇنيا لۇغەتچىلىك تارىخىدا ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى سەنئەت ماھارىتى بىلەن ، سۆزلۈكلەرگە ئورگانېكل بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا « تۈركىي تىللار دىۋانى » غا 242 كۇپلېت شېئىر - قوشاق ، 300 پارچىدىن ئارتۇق ماقال تەمسىلنى ۋە ھىكمەتلىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ، تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 7500 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى ئىخچام ، ئوبرازلىق قۈملىلەر ئارقىلىق فونتىكىلىق ، گىرامماتىكىلق ئانۇنىيەتلەر ئاساسىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن . www.iz.la
مانا بۇ ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولغان شاھانە قامۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرىدۇر ! مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەنبە : تەرمىلەر ژۇرنىلى
ئىز تورى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(4)
80%
ئالقىشلايمەن
(1)
20%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئوت يۈرەك سەنئەتكار مەۋلان نىياز

    مەۋلان نىياز 1971-يىلى7-ئاينىڭ28-كۈنى غۇلجا ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بۇلۇپ دادىسى خەلق سوت مەھكىمىسىدە،ئاپىسى پوچتا-تېلىگىراف ئىدارىسىدا خىزمەت قىلاتتى. مەۋلان نىياز ئىئىلە مۇھىتىغا نىسىبەتەن غۇلجىنىڭ ئەمگەكچان، پاراسەتلىك يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا بار، سەنئەتخ...

  • ئۇيغۇر ئەدىب ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن

    ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋەئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەمبەدىئىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىقئەدىب، تۆھپىكار مائارىپچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 2...

  • ئاتاقلىق شائىر ، تەتىقىقاتچى ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى

    ئالى مۇھەررىر ،فدلكورشۇناس ، شائىر ،تەتىقىقاتچى ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر قەشقىرى 1967-يىلى شىنجاڭ ئۈنۋىرىستىتى جۇڭگۇ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۇتتۇرگەن . 37 يىل ئاخبارات ئىشلىرىغا جان بەدەل قىلىپ ، قىتىرقىنىپ ئىزدىنىپ ، بېرىلىپ تەتىقىق قىلىپ ،يېڭىلىق يارىتىپ ،...

  • بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى

    بۈيۈك پەيلاسۇپ، فىزىكا ئالىمى فارابى فارابىنىڭ ھاياتى: فارابى قاراخانىلار خانلىقى زامانىدا ياشىغان.فارابىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد، فامىلىسى ئەبۇ ناسىر، تەخەللۇسى فارابى، لەقىمى ئىككىنچى ئۇستاز. فارابىنىڭ ئىككىنچى ئۇستاز دەپ ئاتىلىشى - ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدىكى گ...

  • ياش شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت

    ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دىكابىر قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان. 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جوڭگۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىرىدىلا شىنجاڭ ياش ئۆسمۇر...

  • كورىيە پارلامىنتىدىكى ئۇيغۇر قىزى

    ئالىيە ھۈسەيىن (32ياش) ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، كىيىن كورىيەگە بېرىپ ئىنگىلىز تىل ئەدەبىياتى ئوقۇغان. بۇ ئىككى كۆزى ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان جۇشقۇن ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئىنگىلىز ۋە كورىيە تىللىرىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئايدىن باشل...

  • ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى

    ماﻫىنۇر قاسىم 1929 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قورغاس ناﻫىيىسىنىڭ بىر نامرات دېﻬقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1943 - يىلى غۇلجا شەﻫەرلىك قارا دۆڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ، ئائىلىسى كەمبەغەل بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالماي ، يەرلىك ما...

  • قەدەم ئىزى

    ...

  • شائېر روزى سايىت تەرجىمھالى

    شائېر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما نايىسنىڭ شەيدۇللا دىگەن يىردە تۇغۇلغان .1951-يىلى ئاتا -ئانسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن نايىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتەپتە ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپلى...

  • جالالىدىن بەھرامنىڭ تەرجىمىھالى

    جالالىدىن بەھرام 1942-يىل 8-ئاينىڭ16-كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۇنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادە...

  • داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت

    شىنجاڭدا داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام غازى ئەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى بىلمەيدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. 1954 يىلى، غازى ئەمەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىندى ۋە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد لېبىن سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ رەسسامى گېرياز...

  • سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...

    سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ . ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان . ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى...

  • ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىھالى

    كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1985 - يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى ئې...