ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قەشقەر ‹‹يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت›› ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى

2011-يىلى06-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى، فوتوسى: 28-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە تەشكىللەپ ئۆتكۈزگەن 2–نۆۋەتلىك قەشقەر ‹‹يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت›› ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمى ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسى بىلەن بىرلىكتە باشلاندى.

   بۇ نۆۋەتلىك قەشقەر ‹‹يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت›› ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمى ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاش قەشقەرنىڭ تائام مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلىرىنىڭ داڭلىق تائاملىرى مېھمانلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى .

   بۇ قېتىمقى ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ تائام يەرمەنكىسى دەل ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسى باش يەرمەنكە زالىنىڭ ئۇدۇلىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسىنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، يەرمەنكىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ غىزالىنىشىغا قولايلىق ياراتقان. ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسىدىن چىققان كىشىلەر بۇ يەردە ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ھەرخىل ئېسىل نازۇ-نېمەتلىرىگە ئېغىز تېگىش بىلەن بىرگە يەنە، جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىنىڭمۇ ئېسىل تائاملىرىدىن بەھرىمەن بولدى.

   قەشقەر ‹‹يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت›› ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمى قەدىمىي قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن تائام مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايان قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپلا قالماستىن يەنە، ‹‹قەشقەر›› يەرمەنكىسىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشتى.

   بۇ قېتىمقى ساياھەت – مەدەنىيەت بايرىمىدىكى ئېسىل يەرلىك تائاملارغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:

مارالبېشىنىڭ تۆگە تونۇر كاۋىپى

بۇ كاۋاپ بىر تۆگىنى پۈتۈن دېگۈدەكلا پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ

كاۋاپقا ئايلانغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا تۆگىگە ئوخشاپ تۇرىدۇ

تۆگە تونۇر كاۋىپى كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى

بۇ دولان پۈتۈن قوي تونۇر كاۋىپى

تونۇر كاۋاپلىرى ئەنە ئاۋۇ تونۇردا پىشۇرۇلىدۇ

چىرايلىرىنى قورۇق باسقان بولسىمۇ، مەردانىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان كاۋاپچى بوۋاي

تونۇر كاۋىپىنى ھەرقانداق كىشىنىڭ يېگۈسى كېلىدۇ

  مارالبېشىنىڭ يەرلىك بېلىق كاۋىپى     بېلىقلارغا قاراپ ئىشتىھايىڭىز قوزغىلىۋاتامدۇ     شىرەگە تىزىپ قويۇلغان بېلىق گۆشلىرى   
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!