ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 119|ئىنكاس: 3
go

چىن مودەن

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

چىن مودەن تىراگېدىيسى
(ھەجۋى ھىكايە)
مىلادىيە 1759-يىلى ۋاڭ ئوردىسى
يۇسۇپ ۋاڭ ئوردىدىكى ناخشا ئۇسۇلدىن رايى يېنىپ تەيجىلەرگە قاراپ ۋاقىردى ،بۇگۇن مىنىڭ كۆڭلۇمنى ئاچالايدىغان بىرەر ئىش قىلمىساڭلار ،ھەر بىرىڭنى دەررۇغا تارتىمەن،تەيجىلەر لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى،قايسىدۇر بىر تەيجى قورققىندىن ئىشتىنغا چىقىرۋەتكەن ئىدى،ۋاڭنىڭ غەزىپى تۇتسا ياكى دەررۇغا باسسا جېنىنى ئالماي بولدى قىلمايتتى،ئارىدىن بىر تەيجى سۇغۇرلۇپ چىقىپ ::
-ئالىلىرى يېققىندا تاغدىن كەلگەن بىر قىززىقچىنى كۆرگەن ئىدىم ،ناھايتى قىززىق پاراڭ سالىدىكەن ،شۇنى ئوردىغا ئېلىپ كەلسەك ئۆزلىرىنى چوقۇم خۇشال قىلغان بولاتتى.
ۋاڭ تەيجىگە نەيزىدەك تىكىلىپ تۇرۇپ:
-ماقۇل سىز بېرىپ دەرھال ئوردىغا ئېلىپ كىلىڭ،
ھىلقى تەيجى يېرىم كىچىدە تۆتكوچىدىكى مىھمانىغا تۆت ئەسكەرنىڭ ھەمرالىغىدا بىر دەمدىلا يىتىپ كەلدى.
-ئىشىكنى ئاچ.(تاق.تاق)
ئىشىكنى سارايۋەن ئېچىشىغىلا ھېلقى تاراتىنى تۆت ئەسكەر پۇت- قولىنى يەرگە تەككۇزمەستىنلا تاۋۇتنى كۆتۇرگەندەك دەس كۆتىرىپ ئوردىغا قاراپ ماڭدى.
-مىنى نەگە ئاپىرسىلەر .
...
-تۆنۆگۇن بىر تال نان ئوغىرلاپ قويغىنىمغا ،مىنى ئۆلتۇرەمسىلەر.
-بولدى ،مەن توۋۋا قىلاي ،ھېلقى قىززىقچى يالۋۇراتتى،يىغلايتتى،يۇلقۇناتتى.
-ئەگەر ۋاڭنى كۇلدىرەلسەڭ سىنى جازادىن خالاس قىلىمەن ،ئەگەر كۇلدىرەلمىسەڭ،زىنداندا ياتىسەن. دەپتۇ تەيجى .
تاراتىلىق قىزىقچى ئوردىغا كەلتۇرۇپتۇ.ئوردىنىڭ ئىچى تولىمۇ سۇرلۇك بولۇپ ،ھەممىنىڭ كۆزىدە تەشۋىش ،قورقۇنچ ھۆكۇم سۇرگەچكىمىكىن ھېلقى قىززىقچى سەل جىددىلىشىپ ۋاڭغا سالام قىپتۇ
.ۋاڭ قىزىىقچىغا قاراپ قېنى ھۇنىرىڭنى كۆرەيلى ،باشلا دەپ ئەمىر قىپتۇ.
قىززىقچى،دۇنيادىكى ھەممە قىززىق گەپلەرنى دەپتۇ،شاھ كۇلمەپتۇ،تەيجىلەر بۇ تاراتىلىق قىززىقچىنىڭ ئەمدى نىمە دەركىن دەپ تۇرۇشىغا.قىززىقچى باغداش تاغلىرىدا مەشھور بولغان ئاشىق-مەشۇقلار ھىكايسىنى باشلاپتۇ.
باغداش تاغلىرىدا بىر گۇزەل قىز بولۇپ. ئاي دىسە ئاي ئەمەس . كۈن دىسە كۈن ئەمەس ، گۈزەللەكتە تەڭداشسىز ساھىپجامال بولۇپ ، ئەقىللىق ، زېرەك ، ناخشا - ئۇسۇلغا ماھىر ، لاتاپەتلىك ، بەئەينى پۈرەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك ،نەپىس ياسالغان جانان چىندەك شەرم - ھايالىق ، ئەدەپ - ئەخلاقلىق قىز ئىكەن . يىراق - يېققىندىكى نى- نى يىگىتلەر ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار ئىدى . قىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ قىلدەك تولغىنىندىكەن، ئۇلار ئۈچ ۋاق غىزا ئورنىغا دەردۇ - پىراق يەيدىكەن . گويا دەرۋىشلەردەك سەۋدايى بولۇپ ، ياقا يىرتىپ يىغلايدىكەن ، كۆكرەكلىرىنى نەم يەرگە يېقىپ ، كۈن - تۈنلەپ ياتىدىكەن . ئەنە شۇ يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا مەردان ئىسىملىك باتۇر يىگىت بار ئىكەن. ئۇلار كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، قەلپ رىشتىسى بىر بىرىگە باغلانغان ، ئۆمۈرلۈك مەشۇق بولۇشقا ئەھدىلەشكەن - ئاشىق مەشۇق ، لەيلى - مەجنۇنلاردىن ئىكەن .بىر كۇنى مەردان قىزنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرگۇزۇپتىكەن ،قىزنىڭ ئاپىسى ئەلچىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپتۇ،ھەمدە كەلگەن ئەلچىلەرگە قاراپ:
- مىنىڭ قىزىم ،ئۇ يالاڭتۆشكە تەگمەيدۇ،مىنىڭ قىزىمغا گاڭ غوجاملا مۇۋاپىق كىلىدۇ،دەپتۇ.
بىچارە مەردان ئاچچىغىدا قان-يامغۇر يىغلاپ يايلاققا قوي باققىلى كىتىپتۇ ،مەرداننى كۆرگەن كىشىلەر بۇ بىچارە ئاشىق يىگىتكە ئىچ ئاغرىتىپ قاپتۇ،ھەتتا مەرداننىڭ قوتۇر ئىشىگىمۇ ھاڭراپ مەردانغا تەسەللى بىرىدىغان بوپتۇ.ھىكايە بۇ يەرگە كەلگەندە تەيجىلەر ۋاڭغا ئەگشىپ قاقاھلاپ كۇلۇپ كىتىپتۇ.
ۋاڭ خوشال بولۇپ قىززىقچىغا بىر تىللا ئىنئام قىپتۇ.
ئەتىسى ئۇردىدا جىددى يىغىن ئېچىلىپتۇ.ۋاڭ كۆپچىلىككە قاراپ ،ھەممىڭلەر ئاخشامقى ھىكايىنى ئاڭلىدىڭلار ،مىنى ئاي دىسە ئاي ئەمەس،كۇن دىسە كۇن ئەمەس بىر نازىنىن يىراقتا ساقلاۋېتىپتۇ،شۇڭا ئوڭ-سول تەيجىلەر سوغا -سالام ۋە تويلۇقلارنى كۆتىرىپ ئوردا ياساۋۇللىرى بىلەن ھېلقى جاناننى تىزدىن ئوردىغا ئېلىپ كىلىڭلار . مەن بىر كۆرەي دەپ ئەمىر قىپتۇ.
ياساۋۇللار شەرۋانەمنى ئوردىغا ئېلىپ كەپتۇ،شاھ قارىسا،ئالدىدا تۇرغان قىز تاراتىلىق قىززىقچى دىگەندەك ئۇنچىلىك چىرايلىق ئەمەسكەن،چىرايى سەل قاراراق،يۇزىنى سەپكۇن بېسىپ كەتكەن،ئادەتتىكىلا بىر قىز ئىكەن،ۋاڭ دەر غەزەپ بولۇپ ،قىززىقچىنى ئوردىغا چاقىرتىپتۇ.
-ھەي يالغانچى ،نەدە بۇ قىز چىرايلىق بولسۇن،يالغان ئېيتقان گۇناھىڭ ئۇچۇن تىلىڭنى كىسىمەن .دەپتۇ ۋاڭ
-ئالىلىرى،بىر ئېغىز گىپىمنى قىلىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىلا. دەپتۇ قىززىقچى.
-سۆزلە.دەپتۇ ۋاڭ
-مەنمۇ بۇ ھىكايىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان،مەنمۇ بۇ قىزنى كۆرۇپ باقمىغان بولغاچقا ئاشىق ئىدىم،مەنمۇ ئەمدى چۇشەندىم،بۇ قىز ئۆز جانانسىغا نىسبەتەن دۇنيادا تەڭداشسىز گۇزەل ئالىلىرى،ئەگەر بۇ قىزنىڭ ئاشىغى بۇ قىزنى قۇتقۇزغىلى كەلسە مىنىڭ سۆزۇم توغر بولىدۇ ،ئەگەر كەلمىسە تىلىمنى كەسسىلە مەن رازىمەن ئالىلىرى.دەپتۇ قىززىقچى.
ۋاڭ ،ئويلىنىپ قاپتۇ،مىنىڭ تەسەررۇپىمدىن قىز ئوغۇرلىغىدەك قومۇللۇق تېخى توغۇلمىغاندۇ؟ ۋاڭ بىر ئاي مۇھلەت بىرىپتۇ ،ئەگەر بىر ئاي ئىچىدە مەردان كەلمىسە قىززىقچىنىڭ تىلىنى كىسىش ھەققىدە پەرمان چۇشۇرۇپتۇ.
شەرۋانۇم راۋاق ئۇستىگە چىقىپ يىراق باغداش تاغلىرىغا قاراپ قاتتىق ئاھ ئۇرۇپ ھەسرەت چىكىدىكەن.

ئىچىم توشتى دەرتلەرگە ،
قان يىغلايمەن سەھەرلەردە .
ئۇچقىلى قانات بەرسە ،
تۇرمايمەن قۇمۇل شەھرىدە .


باغداش تاغنىڭ باغرىغا ،
ئاقتى يامغۇر تامچىسى .
سىز بىلەن مېنى ئايرىغان ،
يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قامچىسى .

تاراتىلىق ئوردا كىنزەكلەرنىڭ كىنزەك بېشى لەيلىخان ،تاراتىلىق قىززىقچىنىڭ نەۋرە ئاچىسى بولۇپ ئوردىدىكى ھەممە ئىشتىن خەۋەردار ئىكەن،ئۇ ھەر كۇنى مەردان كەلسە بولاتتى دەپ سېپىل سېرتىغا كۇندە نەزەر سالىدىكەن،بىر كۇنى سېپىل سىرتىدىن بىر قويچى يىگىتنىڭ مۇڭ ۋە ھەسرەت بىلەن ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلاپ قاپتۇ،ئەتىسىمۇ ئاڭلاپتۇ،موماي سېپىل بېشىدىن ھېلقى قويچى يىگىتكە شەربانومىنڭ ياغلىغىنى تاشلاپ بىر پارچە مەكتۇپ چىقىرىپتۇ.ئەتىسى شەربانوم لەيلىخاننىڭ كۆزەتچىلەرنى گەپكە تۇتۇپ تۇرغىندىن پايدىلنىپ سېپىلدىن ئارغامچا بىلەن پەسكە چۇشۇپ ،ئاتقا مىنگەن پېتى قېچىپتۇئۇلار لەڭگەرنىڭ چېچەك ئاۋات ئارقىلىق قارمۇقچا ، سايبۇلاق بىلەن يوقىرى ئۆرلەپ ئارىتامنىڭ غەربىدىكى جىگدە بۇلاققا كەلگەندە ھاردۇقلىنىدۇ .
ياراملىق ئىز قوغلىغۇچىلار بىلەن ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەيجىلەر بۇ قاچقۇنلارنى قوغلاپ تاغ باغرىغا كەلگەندە يىتىشۋالدى،قاچقۇنلار تاغ چوققىسىغا كەلگەندە تەيجى ۋاڭ يارلىغىنى ئوقىدى.يارلىق مەزمونىدا ۋاڭ ئەسلىدە بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇققا بولغان ھۆرمىتىدىن بۇ ئىككىسىنى مۇرادىغا يەتكۇزمەكچى بولغانلىغى،ئەمما بۇ جىنايەتچىلەر ۋاڭنى كۆزگە ئىلماي ئوردىدىن قاچقانلىغى سەۋەبىدىن ئۇلۇمگە ھۆكۇم قىنغانلىغىنى ئوقىدى،.شۇنىڭ بىلەن بۇ بەخىتسىز ئاشىق -مەشۇق ئۆز ھاياتى ۋە مۇھەببىتى ئۇچۇن ئاخىرقى تېنىققىچە ئۇرۇش قىلىش كىرەكلىگىنى تونۇپ يەتتى،دە چىرىكلەرگە تاشلاندى،توساتتىن باغداشنىڭ ئاسمىنىدا چاراسلاپ چاقماق چېقىلىشقا باشلىدى،شارقىراپ ياققان يامغۇر چىرىكلەرنىڭ مىلتىغىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى .چىرىكلەر بىلەن قاتتىق قېلىچۋازلىقتا شەربانومنىڭ مەيدىسىگە مىلتىق نەيزىسى سانجىلىپ قالدى.

مەن ئۆلسەم ئۆلۈكۈمنى ،

تاغدا قويۇڭلار.

تاغ يولى يىراق كەلسە ،

باغدا قويۇڭلار .

يۈزۈمنى قىبلى سايان ،

ئاچىپ قويۇڭلار .

بېششىمغا بىر دەستە گۈل ،

سانچىپ قويۇڭلار .

<<شەربانۇم>> ، مەردان يىغلامسىرغىنچە شەربانومنى تىزىغا بېشىنى قويۇپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى ،شەربانومنىڭ قارامتۇل يۇزى بەخىت ئىلكىدە كۇلۇمسىرەپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ بىر جۇپ چىرايلىق كۆزلىرى ئوچۇق قالغان ئىدى ،مەرداننىڭ دوستلىرى ھەرقانچە كۇچىگەن بولسىمۇ چىرىكلەرنى توسالمىدى،ئۇلار بىر-بىرلەپ يىقىلىشقا باشلىدى،توساتتىن باغداشتىكى خەلىق قوزغۇلۇپ قوللىرىغا تاياق،توقماق،كەتمەن -گۇرجەك كۆتارگەنچە يىراقتىن ھۇررا توۋلاپ كەلمەكتە ئىدى،چىرىكلەر ھۇدۇققىندىن مەرداننىڭ كۆكسىگە مىلتىق نەيزىسىنى نەچچىنى سانجىۋەتتى .بۇ مەرد ئاشىق ئۆز مەشۇغىنىڭ باغرىدا كۆككە قاراپ ،ئاچچىق كۇلۇپ تۇرۇپ <<كۆرگىن پەلەك،ئەي پەلەك!>> دىگىنچە بىر قورام تاشقا قىيسىيىپ قالدى.
مۇكاپاتلىق ئەسەر
مەنبە:ئۆزۇم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-9 09:16

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
87 
يازما
2608 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى چىقىپتۇ ... ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا تاللىنىپ قېلىشىغا تىلەكداشمەن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
75سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
403 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا تاللىنىپ قېلىشىغا تىلەكداشمەن

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
39 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىپسىز ھەم تەسىرلىككەن . تىىخىمۇ تىرىشىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-11 23:05

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.