ساۋاقداش مېھرى
( مۇرەببە)
ئۆسمۈر - بالىلىقتا بىللە ئوقۇغان،
بەسلىشىپ گالاستۇك، ئىزنەك تاقىغان.
قول بېرىپ ھەتتاكى يېزىپ ۋەدىلەر،
ساۋاقداش قەلبىدىن نۇرلار چاقنىغان.
ساۋاقداش مېھرى بار، ئوتلۇق كۈيى بار،
يۈرەكنىڭ قېتىدا، تاتلىق گېپى بار.
ياشلىقنى ئەسلەتكەن شۇ بىر ھاياتتا،
ھاياتنىڭ ئىزناسى تامچە قېنى بار.
چىڭ باغلاپ ئۆتكەنتى تالاي يىللارنى،
شۇ سەبىي ساۋاقداش دوستلۇق قولىدا.
گاداي ھەم غوجىدار ھەتتا پادىشاھ،
بىر كۆرسە دىدارى بولدى تويىدا.
سەبىيلەر قەلبىدىن كۆڭۈللەر ئاتەش،
ئۇلارغا يانىدۇ مەشئەل ۋە چىراق.
ساۋاقداش قەلبىنى بىلگەن ئادەمگە،
ساۋاقداش مېھرىگە قانمايدۇ ياق-ياق !
ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق
|