ھەقىقەتەن ياخشى قىمىتى بار تىما ئككەن، اللە ئەجىرڭىزدىن ئەجىر بەرسۇن قېرندىشىم! بۇ مەسۇليەت زادى كىمدە ؟ بۇ بىزنىڭ بېشىمىزنى قاتۇرۋاتقان بىر ئش بۇلۇپ قالدى. نۇرغۇن يىگىتلىرمىز لالما ئىتەك ماراپ، ئەپ تاپسا ئوز قېرىندىشنىڭ قىزلرنى ئاياق ئاسيى قىلىپ يۇرشىۋاتدۇ. ھەقىقى ئەركەكلەر خۇدى قالمىغاندەك ھالەت شەكىلەندى. شۇ بىچارە قىزلىرمىزنى مىھمان قىلمەن دەپ يىگىتلىرمىز ئلىپ بەرىگەن بىر تاۋاق ئاشنى بۇنى قۇلغىدىن چىقىرۋاتىمىز، مانا بىزنىڭ يىگىتلىرمىزنىڭ ئەركەكلىگى. يىگىتلەر شۇنداق تۇرسا يانا گۇنانى قىزلارغا ئاتىپ قويساق مەنچە ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر ئش دەپ قارايمەن. بۇنداق دىسەم يىگىتلىرمىز ئەلۋەتتە خاپا بۇلشى مۇمكىن. ئويلاپ باقايلى ئەزىزلەر! ئائىلنى كىم قوغدايدۇ ؟ كىم باشقۇردۇ ؟ كىم يېتەكلەيدۇ ؟ قىزلارنى ئوغۇلار يېتەكلەپ باشقۇرامدۇ ياكى قىزلار ئوغۇلارنى يېتەكلەپ باشقۇرامدۇ؟ مانا مەسۇليەت زادى كىمدىكەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attila701 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-9 23:46
|