ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر مۇھەممەتجان راشىدىن شىئېرلىرى !
كۆرۈش: 116|ئىنكاس: 1
go

مۇھەممەتجان راشىدىن شىئېرلىرى !

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
39 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بىر كۈنى

مۇھەممەتجان راشىدىن

بالاڭ ئازسا،<<ئاھ>>ئۇرما،يول تاپىدۇ بىر كۈنى،

ئامان بولسا،ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.

خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،

ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،

ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.

ئات بولغىچە ئاساۋ تاي ھەريان چاپسا چاپمامدۇ،

ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۈك ئاتىدۇ بىر كۈنى.

<<ئاق>>نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇن،پۇشايمان،

قاراپ ئۇلار كەينىگە<<ئۇھ>>تارتىدۇ بىر كۈنى.

بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر كوچىلارغا تۈن بويى،

چىللىسىمۇ كوچىلار،جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.

تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،

ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ،نان ياقىدۇ بىر كۈنى.

بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائىتى بار،ۋاقتى بار،

خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ،ئۆي باقىدۇ بىر كۈنى.

كۆندۈرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،

شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.

بىز ئوينىغان نورۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،

ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى.

پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،

يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.

سەنمۇ ئاتا-ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،

ئوغۇل قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.

شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،

ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.

يامان دىسەڭ بالاڭنى،كىم بېرىدۇ ياخشىنى،

ھازىر يامان بولسىمۇ،ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.

مەنبە :http://www.kalgusi.com/

Rank: 8Rank: 8

توردا
740سائەت 
نادىر تېما
دوست
85 
يازما
2579 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن . ئويلۇشىمچە مۇنبەرگە بىر قېتىم يوللىنىپ بولىنغان تېما ئىدى ، قايتا يوللاپ قويغاندەك قىلىسىز ... دىققەت قىلىڭ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-8 13:15

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.