- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-3
- تىزىملاش
- 2010-10-4
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 123سائەت
- جۇغلانما
- 711
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 233
- تېما
- 28
- توردا
- 123سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 1
- يازما
- 233
- تېما
- 28
|
خەلقئارا لىنىيە مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيەدىكى 29 ياشلىق ئايال كېلى جون ھەيران قالىدىغان ئىش يۈز بېرىپ ئۇنىڭ 14 ياشلىق قىزى ھامىلىدار بولۇپ قالغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەلكىم ئەنگلىيەدىكى ئەڭ ياش موما بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، كېلى ئۆزىمۇ 14 يېشىدا ھامىلىدار بولغان ئىكەن.
كېلىنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى تايا بولۇپ، يەنىلا بىر ئوقۇغۇچى. ئۇ 15 ياشلىق ئوغۇل دوستى جوردان ۋېليامىس بىلەن چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ قويغانلىقتىن ھامىلدار بولۇپ قالغان. ھازىر بىر تاماقخانىدا مۇلازىملىق قىلىدىغان كېلى، قىزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يىغلاپ تۇرۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغانلىقىنى ئېيتقان.
تايا بىلەن جوردان قەسەم قىلىپ، قۇرامىمىزغا يەتمىگەن بولساقمۇ، بىراق ئاتا-ئانا بولۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم چىقالايمىز، دېگەن. كېلى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، قىزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىدەك ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنىڭ تەكرارلىىنىشىنى قوبۇل قىلالمىسىمۇ، بىراق يەنىلا كۈچىنىڭ يېتىشىچە نەۋرىسىگە ياخشى قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەنگلىيەدىكى «دۇنيا ئاخبارات گېزىتى» نىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلغان كېلىنىڭ ئىلگىركى يولدىشى چامنىڭ دېيىشىچە، ئۆزنىڭ ئاتا بولغاندىكى يېشى بىلەن جوراداننىڭ يېشى كۆپ پەرىقلەنمەيدىكەن. ئۇ «ئەينى ۋاقىتتا، مەن قانداق دادا بولۇشنى پەقەتلا بىلمەيتتىم، مەن ئۆزۈممۇ بىر بالا ئىدىم» دېگەن.
چامنىڭ دېيىشىچە، تايا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ كېلى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ قىزىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلغان، بۇ چامنى ئىنتايىن ئازابلىغان. ئۇ بالىنى تۇغۇشنى تاللىغان قىزى تايا ۋە جوردانغا، ئۇ ۋە كېلىغا ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقنى ئېيتقان

مەنبە (ئۇلىنىش تورى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakaniyat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-28 18:52
|
|