
مۇھەببىتىم يار بولسۇن ساڭا 
يېنىڭغا بېرىشقا ئىنتىلىپ قەلبىم، كۆڭلىمدە ھۆكمىران سۈرۈيدۇ ھەسرەت. قەلبىمنىڭ قات-قېتىدا ئارزۇ-ئارمان، تىلەيدۇ ھەر قاچان سەندىن مۇھەببەت. 
ۋەسلىڭگە يىتىشكە ئىنتىلەر قەلبىم، ھەر قاچان چىھرىڭنى قىلغاندا خىيال . باھار شامىلىدىن سورايمەن سىنى، چۈشەنسەڭ پىنھان قەلبىم ئايغا مىسال. 
چۈشۈمدە كۆرمەك بولدۇم سىنى رەت- رەت، چۈشۈمدە كۆرۈشمۇ بولمىدى نىسىپ. تەقەززارلىق ئىلكىدە ئۆتتۈم كۈتۈپ، چىن دىلىمدىن مىھرى- مۇھەببەت تىلەپ. 
ئويلىغىن ھەر قاچان سەنمۇ بىر مىنى، مۇھەببىتىم يار بولسۇن مەڭگۈ ساڭا. ئىرادەڭ، ئىشەنچەڭ بىلەن ياشىغىن، پاك ئىشقىڭ بىلەن باغ ياساپ بىر ماڭا. 
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-3 15:49
|