- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-8
- تىزىملاش
- 2010-5-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 391سائەت
- جۇغلانما
- 1714
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 498
- تېما
- 131
- توردا
- 391سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 4
- يازما
- 498
- تېما
- 131
|
ئەي قىزچاق، خىيال قىلىپ قوي!
يىگىتىڭنىڭ كېلىشكەن قامىتىگە قاراپ زۇقلانغان چېغىڭدا ، ئاتاڭنىڭ ئەينى ۋاقتىكى قىرانلىقىدىن قېرىلىققا ئۆزگەرن قىياپىتىگە ، ئاپتاپتا قارىدىغان ،قورۇق باسقان يۈزلىرىگە ،يىرىك ساقاللىق مۇلايىم مېھرىگە نەزەر سالغىن، كۆڭلىڭگە نۇرغۇن ھېسلار پۈكۈلسۈن ...
يىگىتىڭ بىلەن شېرىن سۆھبەتلەرگە كىرىشكەن ۋاقتىڭىدا ،سۆزلىرىنى پۈتۈن دىققىتىڭ بىلەن تىڭشاۋاتقىنىڭدا، سەن ئۈچۈن جاپاللىق ئىشلەۋاتقان ،دائىملا غېمىڭنى يەپ سەندىن ئەنسسىرەپ يۈرگەن قەدىردان ئاتاڭنى خىيال قىلىپ قوي.قەلبىڭدە ئاتام شۇ تاپتا نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مۇشۇنچىلىك قېتىرقىنىپ ئاڭلىغان بولغىيتتىممۇ ؟... دېگەنگە ئۇخشاش سۇئاللار تۇغۇلسۇن...
يىگىتىڭ بىلەن باغچىلاردا خىلىۋەت كوچىلاردا سەيلى قىلغان دەملەردە، ئاتاڭنىڭ قولىغا كەتمەن ئېلىپ ،مۇزدەك سۇغا كىرىپ يەر سۇغۇرۋاتقانلىرىنى ، يىگىتىڭىنى كۈتۈپ زىرىككەن دەقىقىلەردە ئاتاڭنىڭ ئىشىك ئالدىدا يولۇڭغا تەلمۈرۈپ تۇرغىننى مېھرىبان ئاناڭنىڭ باھاردىكى ئاققۇلارنىڭ ئاپئاق قانىتىدەك، قار كەبى ئاق رومىلنى ئارتىپ، سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن نامازغا ئولتۇرغان ھالىتىنى خىيال قىلىپ قوي.ئۇلاردىكى بۇ خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى قەلبىڭىدە تىكلىگىن...
يىگىتىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك ھالدا غىزالىنۋاتقان مىنتۇتلاردا ئاتاڭنىڭ بىلىگە تۈگۈلگەن قاتتىق ناننى ئشتھا بىلەن چايناپ، يانچۇقىدىكى ئازغىنە پۇلنى سەن ئۈچۈن ئېلىپ قويغان ھالىتىنى خىيال قىلىپ قوي،خىيالىڭ سېنى غۇبارسىز باللىقىڭغا باشلىسۇن...
يىگىتىڭ بىلەن ئولتۇرۇشلاردا كۆڭۈل ئېچىۋاتقان ۋاقتىڭدا ، ئاتاڭنىڭ ئاغرىۋاتقان بېلىنى سىيلاپ قويۇپ ، پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ ، پىژغىرىم ئىسىق، زىمستانلىق قار – جۇدۇنلاردا جاپاللىق ئىشلەۋاتقىننى ،« قىزىم توڭلىغانمىدۇ ئاپتاپ ئۆتۈپ قالغانمىدۇ» دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۋاتقان،مېھرىبان ھالىتىنى خىيال قىلىپ قوي.خىيال كەپتىرىڭ سېنى تەپەككۈر گۈلشەنىگە باشلىسۇن ...
يىگىتىڭگە قىممەت باھاللىق سوۋغىلارنى ئېلىۋاتقان دەقىقىلەردە ، ئاتاڭغا قول ياغلىق چاغلىق بىر نەرسە ئېلىپ بىرەلمىگىنىڭنى ،ئوقۇشقا ماڭار ۋاقتىڭىدا، مېھرىبان ئاناڭنىڭ تىتىرەپ تۇرغان قولى بىلەن ئاران تۈجۈبىلەپ تەييارلىغان پۇلنى ساڭا تەڭلاۋاتقىننى ھەتتا قۇلىقىدىكى تەۋەرۈك ھالقىسىنى ساڭا تەڭلەۋاتقىننى خىيالىڭدىن ئۆتكۈز،كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى قەلبىڭى ئىگەللىسۇن ...
يىگىتىڭ تەرىپىدىن ئازار يەپ ،ئەقىدەڭ خارلانغاندا ،ئاتاڭنىڭ قېتىپ كەتكەن يىرىك قوللىرى بىلەن بېشىڭنى سىيلايدىغانلىقىنى ،ئاناڭنىڭ جانغا راھەت ،شېرىن سۆزلىرى بىلەن ساڭا تەسەللىي بېرىدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ قويغىن.قەلبىڭدە تۇغۇلغان ئۆزلۈك ۋە كىملىك تۇيغۇسى سېنى ئالغا يېتەكلىسۇن، كۆزلىرىڭىدىكى ئۈنچىلەرنى ئىسراپ قىلما !
يىگىتىڭدىن ئايرىلىپ كىتىپ ئۇنىڭغا نەپرەتلەنگىنىڭدە ،كۈچلۈك دەرت ھەسرەت سېنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋاتقان كۈنلەردە، قەدىردان ئاتاڭنىڭ،مېھرىبان ئاناڭنىڭ ئىللىق باغرىنى ئېچىپ سېنى قارشى ئېلىۋاتقىننى ،سېنى كۈتۋاتقىننى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر.ئاتاڭنىڭ «قىزىم قەددىڭننى رۇسلا!» دەۋاتقان ھالىتىنى ئۆزۈڭگە ھەمرا قىل، يىراقتىكى ئاقباش چوقىلار ، دۈمچەك دەرەاخىلەر كۆزۈڭگە چېلىققان ۋاقىتتا، يىللارنىڭ ئىز سېلىشى بىلەن چاچ – ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان،بەللىرى مۈكچەيگەن قەدىردان داداڭ بىلەن پەرشتە سۈپەت مېھرىبان ئاناڭنىڭ سېنىڭ پارلاق نەتىجىللىرىڭنى كۈتۈۋاتقىننى خىيال قىلىپ قوي،قەددىڭ ھەقىقىي رۇسلانسۇن ! ...
ئەي قىزچاق ،خىيال قىلىپ قوي! ئاتا- ئاناڭنىڭ بارلىقى سەن. ئۇلارنىڭ كۈتۈۋاتقىنى، تىلەۋاتقىنى سېنىڭ بەختىڭ،خۇشاللىقىڭ ...
شىنجاڭ ئاياللىرىدىن ئېلىندى
|
|