ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ياخشى فىلىملەر › قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!(چوغلۇ ...
كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 13
go

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!(چوغلۇق)  

Rank: 8Rank: 8

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
18 
يازما
350 
تېما
175 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش



قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!


(مۇنبەرگە تورداش"باغۋەن" يوللىغان "ماڭا لايىق قىز بارمۇ؟" دىگەن شېئىرنى كۈرۈپ ،بۇ شېئىرنى ھەر قايسىڭلارغا سۇندۇم)



ئارزۇيىڭنى چۈشەندىم شېئىرىڭدىن،

ھەر ئوغولنىڭ ئارزۇسىنى تىلىڭدىن.

سەنمۇ بولساڭ ساداقەتلىك دىلىڭدىن،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!


ھايا نۇرى پارلاپ تۇرغان روھىدىن،

سايە بولۇپ چىقالمايسەن سۆزىدىن،

مىھرى ئاتەش چىقىپ تۇرار كۆزىدىن،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!


ئىللىق سۆزى ئوت ياقىدۇ قەلبىڭگە،

ئۆل دىمەيلا ئۆلەر ئىدىڭ ھۆسنىگە،

ئالدامچىلار ئېرىشەلمەس جىسمىگە،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

راستچىل بولساڭ ئۇتالايسەن كۆڭلىنى،

شەيتاندىنمۇ تۇتالايدۇ كۆڭلىنى،

چىن سۆيگۈگە ئاتالايدۇ كۆڭلىنى،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

دىلىدا بار پاك ۋىژدانى، ئىمانى،

مىللەت ئۈچۈن يۈرىگىدە پىغانى،

سۆيگۇ بىلەن ھەق ئالدىدا ۋىژدانى،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!


شاللاقلىقنىڭ چۈمپەردىسى ئارتمىغان،

خۇلقى ئەركە،غېلجىڭلىقنى تارتمىغان،

پاك جىسمىنى ،ئىپپىتىنى ساتمىغان،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە


بەكمۇ ئازدۇر كۆڭۈل خوشى تاپارلار،

پۇل-پۇچەك دەپ سورۇنلارغا چاپارلار،

ھەممە قىزلار ئەمەس ئۇنداق ناچارلار،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!


تەقتىم قىلساڭ چىن سۆيگۈڭنى سۆيۈنەر،

ئەلنىڭ ئوغلى بولساڭ گۈلدەك كۆرۇنەر،

ئەقىدەڭگە مەڭگۈ ۋاپا تۆلىنەر،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!


ياش تۇرۇپلا يېزىلمىسۇن گۇناھىڭ،

گۈلگە تولغاي سىنىڭ سۆيگۈ دۇنيارىڭ،

پىشانەڭگە باردۇر يازغان نىگارىڭ،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!


بولمىساڭلا تاشلاپ ئۇنى كەتمەكچى،

بارلىقىنى ساڭا تەقدىم ئەتمەكچى،

بولغان قىزمۇ سىنى ئىزدەپ تاپماقچى،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!

دىققەت قىلغىن قارلىماتالا-تۈزدە،

ئاچا-سىڭلىڭ، سۆيگىنىڭ باربۇ سۆزدە،

ئىززەت قىلغىن قالدى ئەمدى گەپ سىزدە،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!



مەنبە:يازمامدىن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
925سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
15 
يازما
263 
تېما
68 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلىمىڭىز ئۆتكۈر جۇمۇ شەمشدىن ئاكا ، يوقاپ كەتمەي نادىر ئەسەرلىڭىزنى يوللاپ تۇرارسىز.

Rank: 8Rank: 8

توردا
330سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
24 
يازما
484 
تېما
90 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل شىئىرڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۈم.قەلىمىڭىز بەك ئۆتكۈركەن نادىر تىيمىلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
22 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ ....ئاپىرىن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
746سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
1422 
تېما
62 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا دەيسىز، شۇنداق قىزلار، شۇنداق يىگىتلەرگە مەنسۈپ.ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى.
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
112سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
10 
يازما
348 
تېما
0 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى يىزىپىسز . بەك ئېسىل شئر بولۇپىتۇ . بۇنىدىن كىيىمۇ . قەلەم تۇلىپارڭىز ھارمىسۈن . ئەجىرڭىزىگە كۆپ تەشەككۇر .

Rank: 8Rank: 8

توردا
206سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
18 
يازما
350 
تېما
175 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىلەرگە، ئىلھام بەرگىنىڭلارغا.

توردا
135سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
4 
يازما
214 
تېما
30 

ئىجادكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكلا ياخشى يىزىپسىز ،بۇلارنى ئوقۇپ ئۆزۇمگەبولغان ئشەنچىم ئاشقاندەك بولدى ، ھارمىغايسىز ،

توردا
128سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
5 
يازما
175 
تېما
0 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ...........ھارمىغايسىز يەنە يېزىپ تۇرۇڭ................

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
52 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياش تۇرۇپلا يېزىلمىسۇن گۇناھىڭ،

گۈلگە تولغاي سىنىڭ سۆيگۈ دۇنيارىڭ،

پىشانەڭگە باردۇر يازغان نىگارىڭ،

قاراپ باققىن شۇنداق قىزلار كۆپ بىزدە!


بۇيارىدى ماڭا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-27 15:15

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.