- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-24
- تىزىملاش
- 2010-7-20
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 72سائەت
- جۇغلانما
- 505
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 92
- تېما
- 24
- توردا
- 72سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 2
- يازما
- 92
- تېما
- 24
|
بەك پىچەتقۇ ھەي قىزچاق نەگە ماڭدىڭىز،
يوپكىلىرىڭىز بىر غىرىچ نەدىن ئالدىڭىز.
چاچلىرىڭىز ئەرەڭ-سەرەڭ توبادەك ئەجەپ، `
سىزدە يوقمۇ شەرمى- ھايا ئەخلاق ۋە ئەدەپ.
نىمە دەيدۇ ما مەتۇ ئۆتەپ بارە ماڭ،
سەن زاماننىڭ كەينىدىمۇ ياكى بىر ساراڭ.
بۇ دىگەنچۇ ئەلۋەتتە مودا بىلمەمسەن،
نوچى بولساڭ سەنمۇ قىنى بىزدەك يۈرمەمسەن.
ئوھۇ بۇنى مودا دەڭ شۇنداق كىيىشنى،
يۈز كۆزلەرنى مايمۇندەك بوياپ يۈرۈشنى.
ئۇنداق بولسا بۇكىچىدە نەگە ماڭغانسىز؟
سائەت توققۇز بولغاندا كىچىكىپ قالغانسىز؟
ھازىر ماڭدىم كىچىكمىدىم مىسىر خانىشقا،
ئۇسۇل تاڭسا دىسكولارنى غەزەپ ئويناشقا.
ھاراق،پىجۇ، خوڭجۇلارنى ئىچىپ كىتىمىز،
ساكىسلارنى قۇچاقلىشىپ ئويناپ كىتىمىز.
نىمە دەيدۇ؟ قىزبالا تۇرۇپ ھاراق ئىچەمسىز؟
ئۇيالماستىن قۇچاقلىشىپ ئويناپ كىتەمسىز ؟
مەس بوپ قىلىپ ناۋادا كەچكە قالسىڭىز،
ئۆيىڭىزگە نىمە دەپ قانداق كىرىسىز؟
ئۇيەرلەردىن بىز خاتىرجەم ئامال تىپ قويدۇق،
ئۆيدىن بىرنى زولى قىلىپ سىرتتىن ئىپ قويدۇق.
ئوغول بولسا قولتۇغلىشىپ كىتىپ قالىمىز،
جاڭجۈنلەردىن ياتاق ئىچىپ يىتىپ قالىمىز.
ھە ئۇنداقتا سىز ھەركۈنى شۇنداق يۈرەمسىز؟
بىرىپ دىبا،جوبالارغا ئويناپ كۈلەمسىز؟
ياشلىقىڭىز ئۆتۈپ كەتسە بىھودە شۇنداق،
كىيىنچە سىز تۇرمۇش قۇرۇپ قانداق قىلىسىز؟
ھازىر شۇنداق ئويناپ يۈرىمىز ياشلىق دىگەندە،
نىمە يىتەر بۇدۇنيادا ئويناپ كۈلگەنگە.
شۇ چاغ كەلسە بىر مەزگىل ئويۇننى تاشلاپ،
ئالدىچىلاپ ئىڭەكتىن ياغلىق ئاتىمىز،
ياۋاش يومشاق ئەرنى تىپىپ ئالداپ تىگىمىز.
مەنبە؛ مىراس زۇرنىلى |
|