ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ياخشى فىلىملەر › ماڭا لايىق قىز بارمۇ؟[باغۋەن]
كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 5
go

ماڭا لايىق قىز بارمۇ؟[باغۋەن]

توردا
72سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
2 
يازما
92 
تېما
24 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ھايانۇرى پارلىسا ھەر بېقىشتا يۈزىدىن،

ساداقەتتىن باشقىسى كۆرۈنمىسە كۆزىدىن،

<سايىم >بولسام مەيلىتى چىقماس ئىدىم سۆزىدىن،

شۇنداق قىزنى سۆيەتتىم بىزدە شۇنداق قىز بارمۇ؟.

ئىللىق گەپ سۆز-ھەركىتى ياقسا كىشىنىڭ قەلبىگە

ئالدامچىنىڭ قەلبىمۇ كەلسە ئۇندىن لەرزىگە،

شۇنداق قىزلار تەڭ ئەمەس مەن ئۈچۈن ھىچ نەرسىگە،

ئۆل دىسىمۇ ئۆلەتتىم ،لېكىن شۇنداق قىزبارمۇ؟

ئىلمى گەپ سۆز ھەركەتتە ئۇتالىسا كۆڭۈلنى،

شەيتان گىرە سالغاندا تۇتالىسا كۆڭۈلنى،

چىن ساداقەت سۆيگۈدە يۇتالىسا كۆڭۈلنى،

ئاڭا گۈللەرسۇناتتىم، ئەپسۇس شۇنداق قىز بارمۇ؟.

بولسا ئەگەر دىلىدا ئاللا ئۈچۈن ئىمانى،

مىللەت ئەخلاق ئالدىدا يۈرىكىدە پىغانى،

سۆيگىنىنىڭ ئالدىدا تىك تۇرغىدەك ۋىجدانى،

قولىغا سۇ بېرەتتىم،ئەمما شۇنداق قىز بار مۇ؟




گەرجىسمىغا شاللاقلىق چۈمپەردىسى ئارتمىسا،

خۇلقى ئەركە نايناقلىق،غىلجىڭلىقنى تارتمىسا،

گېزى كەلسە ئۆلسىمۇ ئىپپىتىنى ساتمىسا،

ئاڭا كۆڭۈل بېرەتتىم ھەي..... زادى شۇنداق قىز بارمۇ؟.



كۆڭۈل خوشى تاپمىسا،تانسا-پانسا چايلاردىن،

تارتالىسا جىسمىنى سېمىز گەدەن بايلاردىن،

ئەڭ شاللاق ۋە تېتىقسىز مۇزىكىلىق جايلاردىن،

ئاھ ئىشقىدا كۆيەتتىم تاڭەي ...بۇنداق قىز بارمۇ؟





مەن سۇنغان چىن سۆيگۈدىن ئۇنىڭ دىلى سۆيۈنسە،

مىللەت ئۈچۈن تەر تۆكسەم ئاڭا گۈلدەك كۆرۈنسە،

جىمى ئىسپات ئەمەللەر ئىسلام ئۈچۈن تۆلەنسە،

ھەي!ئەمرىمگە ئالاتتىم،ئىسىت شۇنداق قىز


ياشلىقىمدا تىخى بىر يېزىلماستا گۇنايىم،

بىر ياخشى قىز تاپماقچى مېنىڭ سۆيگۈ دۇنيايىم،

ئوڭلۇق قىزدىن بىرىنى بەرسە ئىدى خۇدايىم،

ئۆمۈرلۈككە ئاسرايتتىم، قېنى، شۇنداق قىزبارمۇ؟.



پات ئارىدا ھاياتىم يىگىرمىگە يەتمەكچى،

چىقىپ قالسا ياخشىسى مەڭگۈ بىرگە ئۆتمەكچى،

ئۇيغۇرۇمدىن مۇشۇنداق ئېسىل قىزنى تاپماقچى،

ماڭا لايىق كەلگۈدەك زادى شۇنداق قىز بارمۇ؟؟؟...









مەنبە: قۇمدىيار تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaharbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-23 22:03

توردا
9سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
22 
تېما
4 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالامەت ياخشى گەپكەن شۇنداق قىز راسلا بامىدۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
239سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
14 
يازما
562 
تېما
16 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز،ئۇنداق قىزلار بار، يوق ئەمەس~!

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
3 
يازما
30 
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋا ئاغىنە ئاغزىڭلىغا ناۋات ، مەنمۇ بۇ شىئىرلارغا جور بولسام بۇلامدۇ ...

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
22 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سۇمەييەدەك قىزلار تۇرسا ئىزدەپ نىمىمۇ قىلاسىز ............... بەكلا مەزمۇنى ياخشىكەن .يىگىتلەنىڭ يۈرەك سۆزىكەن جۇمۇ .

توردا
62سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
5 
يازما
141 
تېما
8 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن، تېنىڭىزنى سالامەت قىلغاي، ئامىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-27 15:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.