ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بى ...
كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 8
go

ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
28 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى


يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى،تونۇلغانئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇنئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزىمەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىنباشلاپ دادىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىيساۋاتلارنى، جۈملىدىن ئەرەب-پارس تىل- يېزىقى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە نەۋائى قاتارلىقكلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1935-يىلى ئۈرۈمچىدە پەننىيمەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى چوڭ مەسچىت ( ھازىرقى خانتەڭرى مەسچىت)يېنىدا قۇرۇلغان «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1- گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 1941-يىلى 7-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. كىچىكىدىنلائىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئىمىن تۇرسۇن «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقانمەزگىللىرىدىلا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى 2-گىمنازىيىگەقاتناپ يۈرۈپ يېرىم يىلدەك رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن. ئارقىدىن يەنە خەنزۇ 1- باشلانغۇچمەكتەپتە ھەر كۈنى كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىپ خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن. 1- گىمنازىيىدەئوقۇش جەريانىدىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈنپۇختا ئاساس سالغان. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1941-يىلى 1-گىمنازىيىنى ئەلا نەتىجەبىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان ۋە 1945-يىلىغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى 6-مەكتەپ، 7-مەكتەپ، 4- مەركىزىيمەكتەپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. - 1944يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەركىزىي تەلىم ئۆمىكى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ 4- مەدەنىيەت-مائارىپ قارارىدا ئوقۇغان. تىرىشچان ئىمىن تۇرسۇن بۇ مەزگىللەردە بىرتەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش مەركىزىي ئۇيۇشمىسىنىڭ قارىمىقىدىكىسانائىي نەفىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۆمەكنىڭ بەدىئىي يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك سەنئەتبۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 1946-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىگەمۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ تەيىنلىنىپ، كېرىيىدە خىزمەت قىلغان. 1948-يىلى 9-ئايدائۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ 1950-يىلى 1-ئايغىچە سابىق شىنجاڭئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

ئالىم ئىمىن تۇرسۇن 1950-يىلى
-1ئايدا سابىق ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەھرىر-تەرجىمە باشقارمىسىغايۆتكەلدى. بۇ باشقارما 1951-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى بولۇپقۇرۇلدى. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1983-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ خەلقنەشرىياتىدا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى، تەھرىربۆلۈم مۇدىرى، مۇئاۋىن نەشرىيات باشلىقى، قوشۇمچە لۇغەت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقىۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ، جۈملىدىن يېڭى دەۋر ئۇيغۇرنەشرىياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ ئارىدا
-1956يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتېتى (ھازىرقى ش ئۇ ئا رمىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى) غا ئالمىشىپ ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرىبولۇپ ئىشلىدى. 1983-يىلى 5-ئايدىن 1991-يىلىغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىدى ۋە 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىدىن پېنسىيىگە چىقتى.

ئىلىم- مەرىپەتكە ئىشتىياق باغلىغان ھەمجاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىزدەنگۈچىلەر نەتىجىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. كىچىكىدىنلائىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئىزدىنىشنى ئۆزئادىتىگە ئايلاندۇرغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى مەيلى گۆدەك چاغلىرىدىكى دىنىي ساۋاتچىقىرىش جەريانىدا بولسۇن ياكى دەسلەپكى پەننىي ساۋات چىقىرىش جەريانلىرىدا بولسۇنۋە ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەم جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدابولسۇن، بوشاشماي ئۆگەندى، ئىزدەندى. خەنزۇ تىلى، ئەرەب تىلى، پارس تىلى، رۇس تىلىۋە قېرىنداش تۈركىي تىللارنى، جۈملىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىل- يېزىقى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر
تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئەدەبىي ھەم ئىجتىمائىيپائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىنى مەكتەپنىڭ تامگېزىتلىرىگە شېئىر يېزىش بىلەن باشلىغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى خىزمەت جەريانىداقانداق مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن قەتئىينەزەر، باشتىن-ئاخىر ئۆزۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى،يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە- تەھرىرلىك ئىشلىرىنى ئىشتىياق بىلەن ئىشلەپ كەلدى ۋە بۇساھەلەردە ئىزدەندى.


-1940يىللاردىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان « ئەدەبىياتىمىزنىڭئون يىلى» (، « ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ھەققىدە» ، « ئەدەبىيمىراس ھەم ۋەسىقىلىمىز» قاتارلىق دەسلەپكى تەتقىقات ماقالىلىرى بىلەنباشلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر تەتقىقات پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىزداۋاملاشتۇردى ھەم قەتئىي بوشاشماي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە تونۇلغان ئەدىب، شائىر،تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزنىڭ تۆھپىكارى، پىشقەدەم نەشرىياتچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەتتارىخى تەتقىقاتچىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالىم سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خەلققەلبىدىن ئورۇن ئالدى.

ئالىم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يېڭى-دەۋر ئۇيغۇر تىل ۋەتەرجىمە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئاز ئەمەس. ئالىم-1950يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1954-يىلى شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەرتىللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتئەزاسى بولغان. 1956-يىلى تىل-يېزىقتەتقىقات كومىتېتىغا يۆتكىلىپ، تەتقىقات بۆلۈمى (ھازىرقى تىل-يېزىق كومىتېتىتەتقىقات باشقارمىسى) نىڭ مۇدىرى بولغاندىن كېيىن، تىل-يېزىق ساھەسىدىكى ئىلمىيتەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 1956-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىقتىل تەكشۈرۈش مەزگىلىدە سابىق سوۋېت تۈركولوگى تېنىشېف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىنى تەكشۈرۈش 6-ئەترىتىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 1962-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكەلگەندىنكېيىنمۇ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى توختاتمىدى ھەمدە «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچەقىسقىچە لۇغەت» نى تولۇقلاپ ئىشلىدى. بۇ كىتاب 1962-يىلى ۋە 1978-يىلئىككى قېتىم نەشر قىلىندى .
ئالىم يەنە كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى جەھەتتىمۇداۋاملىق ئىزدەندى ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتتى. 1957-يىلى كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىنزەلىلى ھەققىدە «زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، زەلىلىنى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگەتونۇشتۇردى. 80-يىللاردىن كېيىن ئالەمشۇمۇل مەشھۇر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك«نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنىتەييارلاشتىكى تەشكىللەش ۋە تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەمدەئەسەرنىڭ «كىرىش سۆز»ىنى يېزىپ، بۇ ئەسەرگە ئەتراپلىق باھا بەردى. كلاسسىك ئەسەرلەردىن «زەلىلى دىۋانى»، «تارىخ تەبەرى»، «دىۋانى ھېكمەت»قاتارلىقلارنى نەشرگە تەييارلىدى. -1990يىلى 6-ئايدا ئالىمنىڭ تىل-ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىرتاللانغان تەتقىقات ماقالىلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن «تارىمدىن تامچە» ناملىق ئىلمىيماقالىلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئالىم 80-يىللاردىنكېيىن يەنە كۆپلىگەن ئىلمىيماقالىلارنى ئېلان قىلدى، شۇنداقلا تۈرلۈك ئىلمىي يىغىنلاردا ماقالىلەرنى ئوقۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەسىپداشئالىملارنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.
ئالىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك، نەشرىياتچىلىقساھەلىرىدىكى ئەمگەكلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەتسۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»، «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»، «جىڭگاڭشەندىكى كۈرەش »، «ھەۋەسكار يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت»، « جوڭيۈئەندىنچېگرا رايونغا»، «قىزىل بايراق شەجەرىسى» (ئۈچ قىسىملىق رومان)، «قىزىل قۇياش»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربكە ساياھەت» ، «بېيجىڭ مايمۇنسىمانئادىمى»، «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 2-قىسىم 1-كىتابى قاتارلىق كۆپلىگەنئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلدى ياكى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشتى. « جامىئۇلھېكايەت»، « كەلىلە ۋە دەمىنە»، «مىڭ بىر كېچە »گە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنىڭتەھرىرلىكىنى ئىشلىدى ۋە كۆپلىگەن كىرىش سۆز يازدى. نەشرىياتچىلىقتىكى ئىقتىدارى ۋەمول كەسپىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە ئالىي مۇھەررىر كەسپىي ئۇنۋانىغا ئەڭ دەسلەپمۇيەسسەر بولغان بۇ ئالىم كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىنى تەشكىللەپ،يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
ئالىم تونۇلغانئەدىب ۋە شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا مەكتەپ تامگېزىتىگە شېئىر يېزىشقا باشلىغان ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 30-يىللارنىڭ باشلىرىدىلاباشلانغان، 40-يىللاردا خېلى راۋاجلانغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ غوللۇقۋەكىلى ۋە تۆھپىكارى ئىدى. ئازادلىقنىڭ ئالدىدائۇ «دەۋرانى» تەخەللۇسى بىلەن كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلغان بولسا، ئازادلىقتىنكېيىن مەتبۇئاتچىلىق خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سابىق «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى»(ھازىرقى«تارىم») ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىقوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ئالىمنىڭ ھازىرغا قەدەر«ھەۋەس»، «سەپەر سەزگۈلىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «نەۋائى ھەققىدە»، «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، «بۇلاقتىن بىر ئوتلام»، «نورۇزنامە» قاتارلىق ئۇيغۇرئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەرلىرى ۋە «ئون ئىككىمۇقامنىڭ مىللىي خاسلىقى»، «شېئىرىيىتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرايلى»، «رىقابەت دەۋرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى مەسىلىسى» قاتارلىق نەچچەئونلىغان ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي مۇلاھىزە خاراكتېرىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى.يەنە «بالدۇرقىغا ئوخشىماس» (شېئىرلار توپلىمى)، « تىل- دىلنىڭ كىلىتى» (ماقالىلارتوپلىمى) قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەييارلاپ نەشرگە تاپشۇردى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىئېلىمىزدىكى خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقايەنەئىنگىلىز، ياپون، نېمىس، رۇس، پارس، تۈرك ۋە ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى.
نام-مەنپەئەتقوغلاشماي، تىل-ئەدەبىيات، تەرجىمە، تارىخ ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەلىرىدە خالىسانەئىشلىگەن بۇ ئالىم مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشبىلەن بىللە ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىققىلىش-تونۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. 56-، 57-يىللىرىلاتەكلىپ بىلەن ياشلار ئارىسىدا تۇرمۇش، مۇھەببەت ۋە غايە ھەققىدە لېكسىيىلەرسۆزلەپ، ياشلارنىڭ ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم تاھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تۈرلۈك سورۇنلاردا ئەخلاق، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت تېمىلىرىدا سۆزلەپ،ياشلارنىڭ توغرا تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە بولۇشىغا بەلگىلىك تۈرتكە بولۇپ كەلدى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا خىزمەت جەريانىدا ياراملىق كەسىپئىگىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئالاھىدە مۇھىم دەپ بىلىپ كەلگەنبۇ ئالىم تابۈگۈنگە قەدەر ياش- ئوتتۇرا ياش كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئىمكانىيىتىنىڭبارىچە ياخشى ياردەم، مەسلىھەتلەرنى بېرىپ كەلدى. سالامەتلىكى يار بەرسىلائاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمەپائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ، تىل-يېزىق، مەدەنىي-مائارىپ، تارىخ ۋەئىجتىمائىي مەسىلىلەر بويىچە ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپ ،كۆپ قېتىممەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە« ئون ئىككى مۇقام»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تونۇشتۇردى.
-1990، -1991يىللىرى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگەبارغاندا، بۇ ئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆپ قېتىم تۈرلۈكتېمىلاردىكى ئىلمىي مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشجەھەتتە كۆپ كۈچ چىقاردى. 80-يىللاردىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر شىنجاڭئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىقاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە تەكلىپ بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ كەلدى ھەم ئۇلارنىڭ ئىلمىيپائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى. ئومۇمەن، ئالىم ئىمىن تۇرسۇنئىلىم-مەدەنىيەت ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

ئالىم 1978-،1983-يىللىرىسىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇقئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 1-ۋە 4- نۆۋەتلىك ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 1- ۋە 4-نۆۋەتلىك ئىجرائىي ھەيئەت ئەزاسى بولدى. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ جەمئىيەتكە مۇئاۋىن باشلىق ھەم باش كاتىپبولۇپ سايلاندى. ئالىمنىڭ ھاياتى «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، « تارىم»، «بۇلاق»قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار ۋە رادىئولاردا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.«جۇڭگو يازغۇچىلار قامۇسى»، «جۇڭگو تەرجىمانلار قامۇسى»، «جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەرقامۇسى »، «دۇنياۋى مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى قامۇسى» قاتارلىقلاردا ئالىمنىڭنامى ۋە ئىش ئىزلىرى بېرىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەيازغۇچىلار جەمئىيىتى 1994-يىلى ئالىمنىڭ 70 ياشقا تولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ مەخسۇس«ئىمىن تۇرسۇن ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈپ، ئالىمنىڭ ئىلمىيپائالىيەتلىرىگە ۋە ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە قوشقانتۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو مىللەتلەرتىللىرى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەمئىيىتى، جۇڭگوئالتايشۇناسلىق تەتقىقاتى جەمئىيىتى، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقاتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى جەمئىيىتى، 12 مۇقام تەتقىقاتجەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي جەمئىيەتلەرگە قاتنىشىپ، كۆپلىرىدە مەسلىھەتچى،دائىمىي ھەيئەت ئەزا، مۇئاۋىن مۇدىر قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولۇپ كەلدى.
تا بۈگۈنگە قەدەر قولىدىن قەلەم، قەلبىدىن ئىلىم ئىشتىياقى كەتمىگەن تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى2011 –يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى87 يىشىدا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى . قەلەم ۋە ئىلمنى تۇتقۇچىلار دەۋرنىڭ جىنى ۋە تۈۋرىكى. خەلق ئۆز دەۋرىدىكى بۇنداق تۈۋرۈكلەرنى ھامان ئەسلەيدۇ. ياش ئەۋلادلار بۇنداق ئاتا، ئۇستازلىرىنىڭ ئىلىم سۆيەر روھى ۋە يۈكسەك ئەخلاقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ.
مەرھۇمنىڭ ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانىسى ئۆتكۈزگەن 100كاتتا تۆھپىكارىمىز تونۇشتۇرۇلغان 100سان پىروگراممىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىكى بىر قىسىم سۆرەتلىرى:












مەنبە: نۇر تورى

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
28 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتا ئۇستازىمىزنى مەڭگۈ يات ئىتمىز، ئى ئاللا جەننەت ئاتا قىلغايسەن، ئامىن .

توردا
10سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
40 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 04:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ بوۋىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم!ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!

توردا
1156سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1149 
تېما
26 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تۆھپىكار ئەزا تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالقانلاردا ئۇشلانغان تاۋۇت ،
كۆكتە لەرزان ئۈزىدۇ مەغرۇر .
مۇسىبەتتىن ئىغىر تىنىدۇ ،
ئالىمىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر .

بۇغدا چىگىپ بېشىغا لىچەك ،
ئوغلى ئۈچۈن تۇتۇپتۇ ماتەم .
مۇسىبەتكە پاتقان كوچىلار ،
دەريا كەبى ئاقىدۇ ئادەم .

ئالىم ئۆلدى – ئالەم ئۆلدى ،
پەن كۆكىدىن بىر چولپان سۇلدى .

سۈزۈلسىمۇ ئۇزاققا دوقال ،
قىشنىڭ كەينى ھامان ياز ئىدى .
ۋاقىتسىزلا كەتتىڭغۇ ئەجەپ ،
بىزدە سەندەك ئالىم ئاز ئىدى .

ئالىم ئۆلدى – ئالەم ئۆلدى ،
ئىزى يىتمەس بىر قەلەم سۇندى.
-"قالدى ئىز "پەرھات مەمتىمىن.

ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dosyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-25 11:10

Rank: 8Rank: 8

توردا
746سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
1422 
تېما
62 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن...
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
112سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
348 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ خەۋەرنى كۆرۇپ كۆڭىلۇم بەك يىرىم بولىدى . رەھىمەتىلىكنىڭ ياتىقان يىرنى ئۇلۇغ ئاللاھىتىن تىلەيىمەن . جەنىنەت قىلىغاي . .......

Rank: 8Rank: 8

توردا
347سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
407 
تېما
219 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ئەڭ چوڭ زىيالىلارنىڭ بىرى...
ئۇنىڭ ۋاپاتى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
726سائەت 
نادىر تېما
دوست
80 
يازما
2513 
تېما
444 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز ھەممىزنىڭ بارىدىغان ئورنىمىز ، بىر كۈن كىلىپ بىزمۇ شۇ جاينى تاپىمىز ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
62سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
141 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 1 سائەت ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-27 15:15

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.