ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ساغلاملىق ساغلام ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچىمى...
كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 1
go

ساغلام ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچىمى...

Rank: 8Rank: 8

توردا
346سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
404 
تېما
218 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ساغلام ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچىمى



ساغلام ئائىلە كىشىنى شاد - خۇراملىققا ، جۇشقۇنلۇققا ، ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىدۇ . ساغلام ئائىلىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك .
1. ئائىلە ئەزالىرى ناھايىتى ئىناق ئۆتۈشى ، ئۆزئارا ئىشىنىشى ، بىر - بىرىگە تايىنىشى لازىم .
2. ئائىلە ئەزالىرى ئائىلە ئەمگىكىنى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى ، بىر - بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى لازىم .
3. ئەر - خوتۇنلار ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى ، بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە بولۇشى ، ئۆزئارا مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە قوللىشى لازىم .
4. ئائىلىدە خۇشاللىق ، يۇمۇرلۇق كەيپىيات بولۇشى ، كىشىگە ئازادە ۋە جۇشقۇنلۇق تۇيغۇسى بېرىدىغان مۇھىت يارىتىلىشى كېرەك .
5. ئائىلە ئەزالىرى سۆز - ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشى ، گەپ - سۆز ۋە يۈرۈش - تۇرۇشتا مەدەنىيەتلىك بولۇشى لازىم .
6. ئائىلە ئەزالىرى باراۋەر بولۇشى لازىم .
7. بالا تەربىيەلەشتە ئۆزى ئۈلگە بولۇشى ، ئىلمىي تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ، بالىنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم .
8. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتۈشى ، قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقى ، ئۆزئارا ئاغرىنماسلىقى لازىم .
9. ئائىلىدە ئارام ئالغاندا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ، ھەر خىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرۇشى لازىم .
10. ئائىلە ئەزالىرى بىر - بىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم .


مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
726سائەت 
نادىر تېما
دوست
79 
يازما
2501 
تېما
441 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن تۇرمۇشتىكى يارىدەمچى ھەمكار تېما ئىكەن ... رەھمەت ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-27 04:23

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.