ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ھىكمەت ئۈنچىلىرى › ئالامەت يۇمۇرلاركەن بۇ! ھا، ھا، ھا...
كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 10
go

ئالامەت يۇمۇرلاركەن بۇ! ھا، ھا، ھا...

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
0 
يازما
12 
تېما
9 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ياخشى ئىش قىلدىم


__ بالام، چوپچوڭ بوپ قاپمۇ ئورنۇڭغا سىيىپ قويۇشتىن ئىزا تارتمىدىڭمۇ؟

__ ئاپا، سەن دائىم باشقىلارغا ياخشىلىق قىل دەيتتىڭغۇ.

__ ھە، ئورنۇڭغا سىيىپ قويغىنىڭ ماڭا ياخشىلىق قىلغىنىڭما؟

__ ئاخشام چۈشۈمدە قوشناملارنىڭ ئۆيىگە ئوت كېتىپتىكەن، سىيىپلا ئۆچۈرۋەتتىم.


مەن ئوقۇتقۇچىغا ئۆگەتتىم


__ بالام، بۈگۈن ئوقۇتقۇچۇڭلار سىلەرگە نېمە ئۆگەتتى؟

__ ھېچنېمە ئۆگەتمىدى، مەن ئۇنىڭغا ئۆگەتتىم.

__ نېمە؟

__ ئۇ بىرگە ئىككىنى قوشسا قانچە بولىدىغىنىنى بىلمەيدىكەن، مەن ئۈچ بولىدۇ دەپ ئۆگىتىپ قويدۇم.


خاتىرجەم بولۇڭ دادا


__ دادا، ئەگەر مەن ئىمتىھاندا سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولسام، قانداق قىلىسىز؟

__ خۇشاللىقىمدا ئۆلۈپ قالارمەنمىكىن.

__ ئەنسىرمەڭ دادا، سىز ئۆلۈپ قالىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن.


نۆلدىن باشلاش


__ بالام سەن بۇ، ئوقۇش باشلىنا-باشلانمايلا، نۆل ئاپسەنغۇ؟

__ ھەر قانداق ئىشنى نۆلدىن باشلا دەپ ئۆگەتكەن ئىدىڭغۇ.


ئولتۇرۇپ يېسە تاغمۇ توشۇمايدۇ


ئاپىسى ئۆرە تۇرۇپ تاماق يەۋاتقان بالىسىدىن سوراپتۇ:

__ ساڭا نېمە بولدى؟ نېمىشقا ئۆرە تۇرۇپ تاماق يەيسەن؟

__ ئەدەبىيات ئۆقۇتقۇچىمىز ئولتۇرۇپ يېسە تاغمۇ تۇشۇمايدۇ، دېگەن.


بىز ئالتە بولىدىكەنمىزدە


بىر ئايالنىڭ ئۈچ بالىسى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:

__ ئاپا، ئەتە تۇغۇلغان كۈنىڭىزكەن، سىزگە نېمە كېرەك؟

__ ماڭا كىيىملىرىنى مەينەت قىلمايدىغان، پاكىزە ئۈچ بالا كېرەك.

__ ئۇنداقتا بىز ئالتە بولىدىكەنمىزدە.


قالاق ئۇسۇلنى ئۆزگەرتەيلى


__ دادا، كىچىكىڭدە سېنى داداڭ ئۇرغانمۇ؟

__ ئۇرغان.

__ داداڭنىڭ دادىسى ئۇنى كىچىك ۋاقتىدا ئۇرۇپتىكەنمۇ؟

__ دائىم ئۇرىدىكەنتۇق.

__ ئۆتمۈشتىن قالغان بۇنداق قالاق بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتسەك بولغىدەك.

__ توغرا دەيسەن بالام، چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك.

__ ئەمىسە ماۋۇ ئىمتىھان نەتىجەمنى كۆرۈپ باقە.


پوچتا ماركىسى يىغىشنىڭ پايدىسى


بىر ئايال ئۆيىگە كەلگەن مېھمانغا بالىسىنى ماختاپ بېرىپتۇ.

__ ماركا توپلاشنىڭ پايدىسى بەك كۆپكەن، بالام خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدى، مەن ئۇنىڭدىن نېمە سورىسام شۇنى جاۋاب بېرەلەيدۇ. ئىشەنمىسىڭىز قاراڭ ھە، بالام، ئىسپانىيە قەيەردە؟

__ ئىتالىيەدىن ئىككى بەت ئالدىدا.


ساناش


__ ھەي، بارماقلىرىڭغا نېمە بولدى؟

__ ئىتنىڭ چىشىنى ساناپ باقاي دەپ، ئاغزىغا قولۇمنى سالغانتىم.

__ ئىت چىشلىۋالدى شۇنداقمۇ؟

__ ھەئە، ئۇمۇ بارماقلىرىمنى ساناپ باقماقچى بولغان ئوخشايدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ferdon718 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-22 20:30

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
0 
يازما
12 
تېما
9 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا، مۇشۇنداق ئېسىل يۇمۇرلارنى كۆرىدىغان ئادەم چىقمايۋاتىدا!

توردا
112سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
10 
يازما
348 
تېما
0 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بەك ئېسىل . يۇمۇرلار ئىكەن . تازا بىر كۈلىۋالىدىم . ئەجىرڭىز ىگە كۆپ تەشەككۇر .

توردا
5سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
22 
تېما
2 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بەك ئېسىل . يۇمۇرلار ئىكەن . تازا بىر كۈلىۋالىدىم . ئەجىرڭىز ىگە كۆپ تەشەككۇر .

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
9 
يازما
9 
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
6 
يازما
68 
تېما
0 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
فىرىدون718شۇنداق پەچچەت يۇمۇرلارنى يىزۋىتىپسىز جۇما .
كولىڭزنى يىرىم قىمماڭ ماقىمما.

توردا
45سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
51 
تېما
0 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خۇدى 10 ياش ئۇزاغاندەكلا بۇپ قالدىم دىسە

توردا
128سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
5 
يازما
168 
تېما
0 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇلا كۈلدۈرۈپ يۇزۈمگە بالدۇر قورۇق چۈشۈپ كەتسە سىزنى ئەرىز قىلمەن جۇمۇ............بەك قىزقارلىقكەن بۇ يۇمۇرلار يەنە بارمۇ؟؟؟؟؟

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
22 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك قىزقارلىقكەن بۇ يۇمۇرلار

Rank: 8Rank: 8

توردا
745سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
1418 
تېما
62 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىزقارلىقكەن، يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز.
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-27 04:23

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.