- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-17
- تىزىملاش
- 2010-6-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 258سائەت
- جۇغلانما
- 817
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 267
- تېما
- 14
- توردا
- 258سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 267
- تېما
- 14
|
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرمەن
ئالەمنىڭ كۆكسىدە يالىڭاچ ئۇسۇل،
قوياشنىڭ كۆزىدە قان سۈمۈرەر قان.
ئادەملەر قەلبىدە ئالدامچى خىيال،
رەقىبلەر قولىدا يىغلايدۇ جاھان.
تۇغۇلماي تۇرۇپلا پەرداز قىلىشنى،
ئۈگىنىپ قالماقتا قىزلار ئۆز ئارا.
قىزلىق پەردىسى ئىلانلىرىنى ،
غەزەپتىن يىرتماقتا بىر ئوغۇل بالا.
بىر ئۆمۈر سۆيگەننىڭ لىۋىدە زەھەر،
ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزنى يىمەكچى بولا.
مۇھەببەت تاۋار بوپ سىتىلماقتا ھەي،
يىگىتلەر قەلبىدە ساقايماس يارا.
ئادەملەر تىترەيدۇ ھەقنى سۆزلەشتىن،
يالقۇنتاغ مۇزلاپتۇ مۇزلۇق كەبى مۇز.
ئىشرەتخۇر كۆزىدە شەخۋەتخۇر ھەۋەس،
دەرەخلەر بىزلەردىن قىلماقتا نۇمۇس.
ئۆز ئارا مىھىر كەتمەكتە قۇرۇپ،
ياخشىلار قالماقتا بر يامان كۈنگە.
يولۋاسلار بۆرىگە بولدى مۇئاۋىن،
باش ۋەزىر سايلاندى مۇغەمبەر تۈلكە.
شائىر لار ئامالسىز ساتار قېنىنى،
شىئىرنىڭ قىممىتى پەستە بەكمۇ پەس.
ئاتىسى خوشلاشتى ئىككى بالىنىڭ،
ئانىنىڭ كۆڭلىدە باشقىچە ھەۋەس.
سۈكۈتلەر ئۈستىدە مەڭگۈلۈك ئارمان،
خورەكنىڭ ئەۋجىگە چالماقتا سۇناي.
شاملاردەك بەك خىرە كۆيەر ئەقىدە،
ۋىسالنىڭ مەنزىلى توقايدۇر توقاي.
شىر كەيىپ ھالەتتە تۇغۇلغان بوۋاق،
رومكىنىڭ قىنىغا كەتمەكتە سىڭىپ.
ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يىمەكتە،
ئىككى ئىت ئۆز ئارا سۆڭەك تالىشىپ.
بىلىملىك باغلاردا قۇرتلۇق غورا،
مەكتەپكە سۆيۈشۈش ئورنى ئالماشقان.
يۈرەكتە غەزەپلىك ئوت كۆيىدۇ ئوت،
مىلتىقنىڭ تەپكىسى چاقماقتا پىستان.
پىلسىرات ئۈستىدە تۇرماقتا مەيۈس،
ئاناتىل ياراتقان شاۋكەتلىك قۇرلار.
چاشقانلار مۇشۇكنى يىمەكتە تۇتۇپ،
ئاجىزلار ئۈستىگە تارىخ يىزىلار.
ئېتىزلار كۆيىدۇ دەھشەتلىك تۈستە،
كۆزلەرنىڭ تەپتىدە يىغىنىڭ كۈيى.
بۇلبۇللار قەپەستە مۇڭلارغا پاتقان،
ئۇزىراپ قالماقتا قاغىنىڭ تىلى.
دەريادا لىپمۇ-لىق ھەسرەتلەر ئاقار،
باغلاردىن ئورۇن يوق يەرلىك ئالمىغا.
ئالتۇندەك بىر جانان تۇرار تاشلىنىپ،
ئالتە ئىت چاپلاشقان سېسىق لالمىغا.
ئەخلاقنىڭ يۈرىكى كەتمەكتە چىرىپ،
رەڭۋازلىق ئەۋجىگە چالماقتا چاۋاك.
شۆھرەتنىڭ قۇلى بوپ ئۆتەر ئەقلىمىز،
ئىككى نان تاپساقلا بىرنى داپ چالماق.
ئانىنىڭ ئالدىدا شىرنىڭ ھەيۋىسى،
خوتۇنىنىڭ ئالدىدا پىلىدەك يۇمشاق.
تىرىكنى پۇتلايمىز بىر ئامال قىلىپ،
ئۆلۈكلەرگۆرىنى قازىمىز ئۇزاق.
جاھاننىڭ سۆيگۈسى پاتقان يۈرەكتە،
ئىنسانلار سۆيگۈسى تاشار بۇلدۇقلاپ.
ئاخىرقى زاماننىڭ ئاخىرى دەۋرى بۇ،
چۈش كۆرۈپ يۈرۈش ئۇ ئۆلۈم چاقىرماق.
بايلارنىڭ خىيالى بىرىپ ختىنى،
ئىشقىۋاز سەتەڭنى قىلماقچى خوتۇن.
نامراتلار بەك قىلار قىشنىڭ غىمىنى،
گۈل بولۇپ كۆرىنەر بىر باغلام ئوتۇن.
يات ئەرگە غىلجىڭلاپ يۈرمەكتە ئىسىت،
ساداقەت دىلبىرى كەيىپ ئىچىدە.
تارىخنىڭ بەتلىرى كەتتى ئۆزگىرىپ ،
ھىيلىلەر ئىچىدە بار ئەجەپ ھىيلە.
ئىلىم-پەن كۆكىدە ئايغا مىنگەنلەر ،
دۇنيانىڭ كۆزىدە چاپتۇرسا دۇلدۇل.
تىكەنلىك يوللارغا يالىڭاچ دەسسەپ،
كاج تەقدىر دىپىغا ئوينايمىز ئۇسۇل.
كاللىنى ئەقىلگە ياراتقان ئاللاھ،
ھاياتنىڭ ئۆزى بىر سىھىرلىك ئەينەك.
كۆرسىتىپ بىرىدۇ ھەقنى ھەق پېتى،
گەپ پەقەت بىز ئۇنى ئۆز ئەينى كۆرمەك.
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرىمەن
مەنبە؛ ------مەردان 0996
|
|