ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى ئەرلەر خالىمايدىغان سۆزلەر (دەرتمەن يېگىت119 ...
كۆرۈش: 488|ئىنكاس: 7
go

ئەرلەر خالىمايدىغان سۆزلەر (دەرتمەن يېگىت119)

توردا
726سائەت 
نادىر تېما
دوست
94 
يازما
1509 
تېما
270 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 11:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئەرلەر ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۆزلەر


نېمە ئويلاۋاتىسىز؟
بۇنداق سۆزلەرنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا ،ئەرلەر سىزگە جاۋاپ بىرىش بەرمەسلىكنى بىلەلمەي قالىدۇ.جاۋاپ بىرەي دېسە كۆڭلىدىكىنى سىزگە دىيىشنى خالىمايدۇ.جاۋاپ بەرمەي دىسە سىزنىڭ خاپا بولۇپ،قېلىشىڭىزنى خالىمايدۇ.نەتىجىدە ئۆزىڭىزمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالىسىز.ئەرلەر ئادەتتە ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىيالىغا تويۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىنى ياقتۇرمايدۇ.
شۇڭا ئۇنىڭغىمۇ ئازراق خىىيال سۈرۈش ئەركىنلىكى بىرىڭ.
بۈگۈن قانداق كۈن ئىكەنلىكى ئىسىڭىزدىمۇ؟
تويۇقسىز سورالغان بۇ سۇئال ئۇنى تەمتىرتىۋېتىدۇ.ھەمدە جىددىيلەشكەن ھالدا بۈگۈننىڭ زادى مۇھىم كۈن ئىكەنلىكىنى توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلايدۇ.تونوشقان كۈنىمىز؟
يۈرگەن كۈنىمىز؟توي قىلىشقا پۈتۈشكەن كۈنىمىز؟. ...ئۇ تاپالمىغانچە جىددىيلىشىپ ئەگەر بۈگۈن بىرەر مۇھىم كۈن بولۇپ قالسا ئۇنتۇپ قالسام ،ئۇنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئوتتۇرىمىزدىكى ھىسسىياتقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىمدىن دىرەك بىرىدۇل. دەپ ئويلاپ ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ.
شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭدىن بۇنداق سۇئاللارنى سورىماڭ.
سىزنىڭچە ئۇ چىرايلىقمىكەن.
بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئەرلەرگە بەك تەس توختايدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ سىزنىڭ ئۇ مىنىڭدىن چىرايلىقمىكەن؟ دەپ سورىغىنىڭىز .بۇنىسى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان. ئەمما ئۇ مەيلى يالغان بولسۇن ياكى راست بولسۇن ئۇ سىزگە چوقۇم سىزگە يەتمەيدۇ دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.شۇڭا ئەڭ ياخشىشى ئۇنىڭدىن بۇنداق سۇئاللارنى سورىماڭ.
مەن سىزگە ئېلىپ بەرگەن ھېلىقى كىيىم قېنى؟
سىز ئېلىپ بەرگەن ھېلىقى كىيىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا ئەرلەرنىڭ بېشى قاتىدۇ.كىيەي دىسە بىر يىرىنى ياقتۇرمايدۇ.كېيمەي دىسە سىزنىڭ رەنجىپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ.شۇڭا ئەگەر سىز ئېلىپ بەرگەن كىيىمنى بىر قېتىممۇ كىيىپ باقمىسا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى تىلغا ئالماڭ.
ئاتا ئانام بىلەن كۆرۈشكىلى قاچان بارىسىز
نورغۇن ئەرلەر بۇنداق تېتىقسىز سۇئاللاردىن بىزار بولىدۇ.ئۇ سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسە ئىشىنىمەنكى ،بۇ ئىشنى ئۇ سىزدىن بەكرەك ئويلايدۇ.ئەگەر ياخشى كۆرمىسە ئاتا ئانىڭىزنىڭ قېشىغا باغلاپ ئاپارغىنىڭىز بىلەنم بىكار.
مۇناسىۋىتىمىز كىينچە قانداق بولۇپ كىتەر؟
بۇ سۇئال ئۇنىڭغا بىر خىل بېسىم پەيدا قىلىدۇ.ھەمدە كەلگۈسىدىكى نورغۇن كىلىش خەۋپى بولغان قىيىنچىلىقلارنى ئۇنىڭ مېڭىسىدە پەيدا قىلىپ،سىزدىن يالتايتىپ قويىدۇ.
شۇڭلاشقا سىز مەيلى ئۆگىنىش ،تۇرمۇش ۋە ياكى مۇھەببەت جەھەتتە بولمىسۇن ياكى ئائىلە تۇرمۇشىدا بولمىسۇن چوقۇم يۇقارقى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشىڭىز كىرەك.
ئەرلەر ھەرگىزمۇ ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش قورالى ئەمەس.ئۇ دۇنيادىكى ئۆزلۈك ئېڭى ئەڭ كۈچلۈك تىپ،شۇڭا ئۆزەممۇ بىر ئەر كىشى بولۇش سالاھىيتىم بىلەن بۇ ماقالىنى يېزىش ھەمدە تەھرىرلەش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى،بىز ئەرلەر ھەرقانداق شارائىتتا ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ بىزنىڭ بۇرنىمىزدىن يىتىلىشىنى ھەم ئۆزىمىز خالىمايدىغان يىڭىلىق ياكى نەتىجىنى باشقىلارنىڭ زورلاپ تېڭىشىنى خالىمايمىز.


مەنبە:ماكانىم تورى

توردا
116سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
381 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 15:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزىگە كۆپ رەخىمەت. بىلىشىكە تىگىشىلىك سۆزىلەر ئىكەن مەن بۈلىۋالىدىم . رەخىمەت

توردا
129سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
177 
تېما

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تېمىكەن جۇمۇ.........بۇندەق سۇۋال سوراپ باقماپتىكەنمەن ........ئەمدى سوراپ باقسام بولغۇدەك.........

توردا
9سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
32 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-31 19:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىلىپتۇ :!!!

توردا
181سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
253 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-1 00:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئوبدان گەپلەركەن . مىنىڭ ئويلىغىنىمدەكلا يېزىلىپتۇ .

توردا
71سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
359 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تاياق يىيىشتىن ھەزەر قىلىڭ دىمەكچىمۇ؟

توردا
11سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
36 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمدى بىلۋالدىم بۇنىڭدىن كىيىن دىھقەت قىلاي .تازا ياخشى تىمىكەن بۇ!رەھمەت.............

توردا
34سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
100 
تېما
10 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە. بىزنى ئاگاھلادۇرغىنىڭىزغا. بىلىۋاسا بولغۇدەك بىلىملەر ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:11

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.