ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرمىلەر داۋاملىق ئالدىڭىزغا قاراڭ...
كۆرۈش: 172|ئىنكاس: 4
go

داۋاملىق ئالدىڭىزغا قاراڭ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
350سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
408 
تېما
219 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-29 23:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

داۋاملىق ئالدىڭىزغا قاراڭ


ھەيۋەتلىك بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا ناھايىتى ئاجىز بىر گۈل ئۆسۈپتۇ. گۈل دەرەخنىڭ ئۆزىنى دائىم قوغداپ تۇرۇشى بىلەن ھېچقانداق بوران - چاپقۇننىڭ ئۆزىگە ئازراقمۇ زىيان سالالماي كېلىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ، دۇنيادىن بىغەم يۈرۈپتۇ.
بىر كۈنى بىر نەچچە دەرەخ كەسكۈچى كېلىپ، ھېلىقى ھەيۋەتلىك دەرەخنى ھەرىدەپ ئېلىپ كېتىپتۇ. گۈلنىڭ بۇنىڭدىن كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولۇپ: «ئى تەڭرىم، مەن كۈچلۈك قوغدىغۇچىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بوران چىققاندا ۋە قاتتىق يامغۇر ياغقاندا قانداقمۇ قىلارمەن...» دەپ ھەسرەت ياشلىرىنى تۆككىلى تۇرۇپتۇ.
بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى بىر دەرەخ گۈلگە شۇنداق تەسەللى بېرىپتۇ:
ـــــ ھەرگىز ئۇنداق ئويلىمىغىن، دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭنىڭ ئەكسىچە، سەن ئۇ دەرەخنىڭ سايىسىدىن قۇتۇلدۇڭ. ئەمدى سەن قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدىن ۋە خاسىيەتلىك يامغۇردىن بىۋاستە بەھر ئالالايسەن. غوللىرىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىپ، ئېچىلغان گۈللىرىڭ قۇياش نۇرىدا كۆزلەرنى قاماشتۇرىدۇ - دە، كىشىلەر سېنىڭ ئاجايىپ چىرايلىق گۈل ئىكەنلىكىڭنى كۆرۈپ، ساڭا تولىمۇ ھەۋەس قىلىشىدۇ!
ھېكمەت: ھەر قانداق بىر تاللاش يېڭى بىر پۇرسەتنى يارىتىدۇ، بەزىدە ئۇزاق ۋاقىت بېقىنىپ ياشاپ كەلگەن نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلغىنىمىزدا تەبىئىيلا ئازابلىنىمىز، ئەمما بۇ خىل ئايرىلىشقا ئويلىمىغان بەخت ۋە پۇرسەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا داۋاملىق ئالدىمىزغا قارىشىمىز كېرەك. يادىمىزدا بولسۇن، قاراڭغۇ كېچىنىڭ كەينىدىن ھامان يورۇق تاڭ ئاتىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2593 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 00:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنى ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن ...

توردا
73سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
661 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 00:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . بىز دەل شۇ گۈلگە ئوخشايمىز بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىمىز . ...........

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
491 
تېما
92 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 04:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىمىكەن .راس دەيسىز ئۆز كۇچىغا تاينىپ ياشاش بىر بىرگە يۇلۇنۇپ ياشاش ياخشى ئادەت ئەمەس .قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
67 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-30 11:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تېمىكەن بۇ ،ھەر قانداق ئادەم كىچىگىدىن باشلاپ ئۆزىدە مۇستەقىللىق ئېڭىنى يىتىلدۇرىشى كېرەك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 17:11

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.